Uyghur主要词典
گۇچكوۋ
دۇنيا تارىخى
(1862 - 1936) روسىيە دۆلەت دوماسنىڭ رەئىسى (1910 - 1911). چوڭ كاپىتالىست ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۆكتەبرىستلەرنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەھبىرى. ئۈچىنچى نۆۋەتلىك دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي سانائەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى (1915 - 1917) بولغان. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، بىرىنچى تۆۋەتلىك ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇقلۇق دېڭىز - ئارمىيە مىنىستىرى بولغان، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىن <ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىش>نى تەرغىپ قىلغان؛ 4 - ئايدىكى نامايىشتىن كېيىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبور بولغان. كېيىن <روسىيە ئىقتسادىنى قايتا گۈللەندۈرۈش جەمئىيىتى> قۇرۇپ، خىراجەت توپلاپ، كورنىلوۋ توپىلىڭىنى پىلانلاشقا قاتناشقان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن بېرلىنغا قېچىپ بېرىپ، سوۋېت ھاكىمىيىتى بىلەن داۋاملىق قارشىلاشقان.