Chinese→Uyghur主要词典
冠瘿
بىئولوگىيە
تاجىسىمان ھۈررەك
<يىلتىز راكى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۆپلىگەن قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر ۋە بەزى يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غول ياكى باشقا قىسىمىدىكى بىر خىل ھۈررەك بولۇپ، ئۇ يىلتىز راكى تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشتىن پەيدا بولىدۇ. يىلتىز راكى تاياقچە باكتېرىيىسى ئۆسۈملۈك توقۇلمىسىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۆسمە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددا دانىچىسى (قىسقارتىپ Ti دانىچىسى دەپ ئاتىلىدۇ) نى قويۇپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ بىر قىسىم دى ئوكسى رىبو نۇكلېئىك كىسلاتا مولېكۇلىسى ئۆسۈملۈكنىڭ دى ئوكسى رىبونۇكلېئىك كىسلاتاسى بىلەن بىرىكىپ تاجىسىمان ئۆسمىنى پەيدا قىلىدۇ. ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىنىڭ خروموسۇمىغا Ti دانىچىسىنىڭ ھۈررەك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى فاكتورى كىرىپ كەتسىلا باكتېرىيە بولمىسمۇ ئۆزلۈكىدىن ھۈررەك ھاسىل بولىدۇ.
Tiدانىچىسىدىن بىر خىل توشۇغۇچى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گېن قۇرۇلۇشى تەتقىق قىلىنماقتا.