Chinese→Uyghur主要词典
关税同盟
دۇنيا تارىخى
گومرۇك بېجى ئىتتىپاقى
پرۇسسىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى شتاتلىرى تۈزۈپ چىققان چېگرا بېجى شەرتنامىسى. 1834 - يىلى 1 ـ ئاينىڭ 1 - كۈنى قۇرۇلغان، دەسلىپىدە 400 مىڭ كۋادرات كىلومېتر زېمىنىنى ۋە 23 مىليوندىن كۆپرەك ئاھالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 18 گېرمانىيە شتاتلىرىدا پرۇسسىيە رەھبەرلىك قىلغۇچى ئورۇندا تۇرغان. كېيىن بادېن ھاننوۋېر قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن ئۇنىڭغا قاتناشقان. ئەزا دۆلەتلەر چېگرا بېجى توسۇقلىرىنى ئېلىپ تاشلاپ، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن چېگرا بېجىنى بەلگىلەپ چىقىپ، ئىقتىساد ۋە سودا رايونلىرىنى كېڭەيتىپ، گېرمانىيە چېگرىسى ئىچىدە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن بازارلارنىڭ شەكىللىنىشى ۋە سودا - سانائەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى تېزلەتكەن. ئاۋسترىيە گېرمانىيەنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى رەھبەرلىكىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن، ئىتتىپاقنى تارقىتىۋېتىپ، پرۇسسىيە ئىگىلىكىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى تۆۋەنلەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمگەن. 1867 - يىلى شىمالىي گېرمانىيە فېدېراتسىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن چېگرا بېجى ئىتتىپاقىغا قاتناشمىغان غەربىي ۋە جەنۇبىي گېرمانىيە فېدېراتسىيىلىرى بىلەن چېگرا بېجى شەرتنامىسى ئىمزالاپ، بۇ گېرمانىيەنىڭ سىياسىي جەھەتتە بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1871 - يىلى گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن تارقىلىپ كەتكەن.
پۇل - مۇئامىلە,قانۇن
guān shuì tóng méng
تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىDئۇنىۋېرسال
guān shuì tóng méng
تاموژنا ئىتتىپاقى