Chinese→Uyghur主要词典
光呼吸与暗呼吸
بىئولوگىيە
يورۇقلۇقتا نەپەسلىنىش ۋە قاراڭغۇدا نەپەسلىنىش
ئۆسۈملۈكنىڭ يېشىل ھۈجەيرىلىرى يورۇقلۇق ئاستىدا بىر تەرەپتىن كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدنى سۈمۈرۈپ ئوكسىگېن قويۇپ بېرىش ئارقىلىق فوتوسىنتېز ئېلىپ بارىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئوكسىگېننى سۈمۈرۈپ كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق نەپەسلىنىدۇ. بۇخىل يورۇقلۇق ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەمدە فوتوسىنتېز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان نەپەسلىنىش يورۇقلۇقتا نەپەسلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئادەتتە خلوروپلاست ۋە پېرئوكسىد تەنىچىسىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئادەتتە ھايات ھۈجەيرە يورۇقلۇقتىمۇ، قاراڭغۇدىمۇ نەپەسلىنىۋېرىدۇ، ئۇنىڭ يورۇقلۇققا بولغان تەلىپى ئالاھىدە بولمايدۇ، بۇ خىل نەپەسلىنىش نىسپىي ھالدا قاراڭغۇدا نەپەسلىنىش ياكى خوندرىئوسومىدا نەپەسلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. يورۇقلۇقتا نەپەسلىنىشنىڭ تەكتى ماددىسى گلىكولىك كىسلاتا بولۇپ، خلوروپلاست فوتوسىنتېزلەش جەريانى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ ئايرىم بېسىمى يۇقىرى بولغاندا RuBP RuBP - كاربوكسىلازا - ئوكسىگېنازىنىڭ كاتالىزاتورلۇقىدا كاربوكسىللىشىپ ئىككى مولېكۇلا فوسفاتلىق گلېتسىرېك كىسلاتاسىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ ئوكسىگېننىڭ ئايرىم بېسىمى يۇقىرى، كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدنىڭ ئايرىم بېسىمى تۆۋەن بولغاندا، بۇ ئېنزىم ئوكسىگېنازىنىڭ رولىنى ئويناپ RuBP نى ئوكسىگېنلاشتۇرۇپ بىر مولېكۇلا فوسفاتلىق گىلېتسىرېك كىسلاتاسى ۋە بىر مولېكۇلا فوسفاتلىق گلىكولىك كىسلاتانى ھاسىل قىلىدۇ، گلىكولىك كىسلاتا خلوروپلاستتىن پېرىئوكسىد تەنىچىسىگە يۆتكىلىپ ئوكسىدلىنىدۇ، ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدنى قويۇپ بېرىدۇ، مانا بۇ يورۇقلۇقتا نەپەسلىنىشتىن ھاسىل بولىدىغان كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدنىڭ كېلىش مەنبەسىدۇر. يورۇقلۇقتا نەپەسلىنىشنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى ۋە كۈچلۈك - ئاجىزلىقىغا ئاساسەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بىر چوڭ تۈرنىڭ يورۇلۇقتا نەپەسلىنىشى روشەن بولۇپ، بۇ تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەر يورۇقلۇقتا نەپەسلىنىشى يۇقىرى ئۆسۈملۈك دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ يورۇلۇققا تويۇنۇش نۇقتىسى بىلەن كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدنىڭ تولۇقلىنىش نۇقتىسى (ppm150 ~ 50) بىرئاز يۇقىرى بولىدۇ. مەسىلەن، بۇغداي، پۇرچاق، تاماكا قاتارلىق 3C لۇق ئۆسۈملۈكلەر، يەنە بىر تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يورۇقلۇقتا نەپەسلىنىشى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ھەتتا ئۆلچىگىلىمۇ بولمايدۇ. بۇ تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەر يورۇقلۇقتا نەپەسلىنىشى تۆۋەن ئۆسۈملۈك دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ يورۇقلۇققا تويۇنۇش نۇقتىسى بىلەن كاربون (Ⅳ) - نىڭ تولۇقلىنىش نۇقتىسى (ppm10 ~0) بىرئاز تۆۋەن، فوتوسىنتېز ئۈنۈمى ۋە بىئولوگىيىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يۇقىرى بولىدۇ. مەسىلەن، كۆممىقوناق، قوناق، شېكەر قومۇشى قاتارلىقلار.