Chinese→Uyghur主要词典
光合细菌
بىئولوگىيە
فوتوسىنتېزلىنىدىغان باكتېرىيە
<قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىدىن ئوزۇقلىنىدىغان باكتېرىيە> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھۈجەيرىسى تەركىبىدە باكتېرىيە خلورفىلى بولىدۇ، كۈن نۇرىنى بىردىنبىر ياكى ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەنبەسى قىلىدۇ. بۇ باكتېرىيىلەر ئىچىدىكى بىر ئالاھىدە فىزىئولوگىيىلىك تۈركۈم. ئۇ يېشىل ئۆسۈملۈك ۋە يېشىل، كۆك يۈسۈنغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭدا پەقەت ھالقىلىق فوتوفوسفاتلىنىش بولىدۇ، ھالقىسىز فوتو فوسفاتلىنىش بولمايدۇ، ئۇلار بەزى نېئورگانىك ماددىلار (مەسىلەن، گىدروسۇلفىد) ياكى ئورگانىك ماددىلار (مەسىلەن، ماي كىسلاتاسى ياكى ئىسپىرتلار) نى ئېلېكترون بىلەن تەمىنلىگۈچى قىلىدۇ، سۇنى ئېلېكترون بىلەن تەمىنلىگۈچى قىلمايدۇ، ئوكسىگېن قويۇپ بەرمەيدۇ، فوتوسىنتېزلەش جەريانى ئوكسىگېنسىز شارائىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇلار كۆپ خىل شەكىلدە بولغان شارائىتتا يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىدىن ئوزۇقلىنىدۇ ۋە يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ چەتتىن ئوزۇقلىنىدۇ، يەنە بەزىلىرى يورۇقلۇق بولمىغان شارائىتتا خىمىيىلىك ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ چەتتىن ئوزۇقلىنىدۇ. ئوخشاش بولمىغان تۈرلەر چۈجەيرىسىنىڭ شەكلى ۋە رەڭگى ھەر خىل بولىدۇ. <برېئېدچە باكتېرىئولوگىيىلىك ئېنىقلاش قوللانمىسى> نىڭ 8 - نەشرى (1974) دە فوتوسېنتىز باكتېرىيىلىرى قىزىل بۇرمىسىمان باكتېرىيە ئەترىتىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇ ئەترەت ئۈچ ئائىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار: قىزىل بۇرمىسىمان باكتېرىيىلەر ئائىلىسى (سۆسۈن رەڭلىك غەيرىي گۈڭگۈرت باكتېرىيىسى) رەڭلىنىدىغان باكتېرىيىلەر ئائىلىسى (سۆسۈن رەڭلىك گۈڭگۈرت باكتېرىيىسى) ۋە يېشىل تاياقچە باكتېرىيە ئائىلىسى (يېشىل گۈڭگۈرت باكتېرىيىسى). بۇلار تاتلىق سۇ ۋە دېڭىز سۇلىرىغا كەڭ تارقالغان.
باغۋەنچىلىك
guāng hé xì jūn
فوتوسىنتېز باكتېرىيىسىDئۇنىۋېرسال
guāng hé xì jūn
فوتوسىنتېتىك باكتېرىيە