Chinese→Uyghur主要词典
贯
ئۇنىۋېرسال
guàn
يۇرت
قەدىمدە يارماق ئۆتكۈزىدىغان يىپ
يارماقنى يىپقا ئۆتكۈزمەك
ماددا، تەرتىپ، يىپقا ئۆتكۈزمەك
ئىش
راۋان ئۆتۈشمەك
تىزماق، يىپقا ئۆتكۈزمەك
بىرلىشىۋالماق، بىرلىككە كېلىۋالماق
تەگمەك تەگكۈزمەك )نىشانغا(
ئەمەلگە ئاشۇرماق، ئەمەلدە يولغا قويماق
{11} گۇەن )فامىلە(
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
قۇئان
بۇ خەنزۇچە <贯> نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ <تىزىق> دېگەن مەنىدە. قەدىمدە بىر تىزىق پۇلنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقى نامەلۇم. ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر تىزىق پۇل 1000 يارماق ھېسابلانغان. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇ ئىككى يۈز مىڭ يارماق بولىدۇ.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
تىزىق
قەدىمكى زاماندا ئىشلىتىلگەن پۇللار ئاساسەن مېتالدىن (ئالتۇن، كۈمۈش، مىس) قۇيۇلغان بولغاچقا، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولسۇن ئۈچۈن ئوتتۇرىسىدا يىپ ئۆتكۈزىدىغان چاسا تۆشۈك بولاتتى. ھۆكۈمەت خەزىنىسىدە بۇ پۇللار ساناپ يىپقا ئۆتكۈزۈلۈپ ساقلىناتتى. بۇ <تىزىق> دېيىلەتتى. خۇسۇسىيلار پۇل قاپچۇقىدا ساقلايتتى، بۇ چەندازا (بۇ خەنزۇچە<پۇل قاپچۇقى> دېگەن مەنىدىكى <钱袋子> بۇزۇپ ئاتىلىشى) دەپ ئاتىلاتتى. جۇڭغارلار دەۋرىدە شىنجاڭدا مىڭ داچەن بىر تىزىق ھېسابلانغان ۋە بىر سەر كۈمۈشكە باراۋەر كېلىدىغان بولۇپ قالغان. قىزىل مىس يارماقتىن (دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى دەسلەپتە ئىككى مىسقال، كېيىن بىر يېرىم مىسقال بولغان) 400 داچىنى بىر تىزىق ھېسابلىغان. 1890 - يىلدىن كېيىن بىر تىزىق قىزىل مىس يارماق بىر سەر كۈمۈشكە باراۋەر بولغان.