Chinese→Uyghur主要词典
寡毛纲
بىئولوگىيە
ئاز تۈكلۈكلەر سىنىپى
بوغۇم تەنلىك ھايۋانلار تىپىدىكى بىر سىنىپ. تېنى ئۇزۇن تۇرۇبا شەكىللىك، نۇرغۇنلىغان تەن بوغۇملىرىدىن تۈزۈلگەن بولىدۇ. بەدەن سىرتى رەڭسىز مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋەت بىلەن قاپلانغان، باش قىسمى روشەن ئەمەس، ھەرقايسى بوغۇملىرىدا سۆگەلسىمان ئاياغلىرى بولماستىن قىلچىق تۈكلىرى بولىدۇ. قىلچىق تۈكلىرى بىۋاسىتە تەن دىۋارىدىن ئۆسۈپ چىققان، تىزىلىش شەكلى تۈرلىرىگە قاراپ پەرقلىنىپ، ياكى ئايلانما شەكىلدە ياكى توپلىشىپ، ياكى قارىمۇ قارشى ئۆسكەن بولىدۇ. قوش جىنسلىق، جىنسى يېتىلگەن چاغدا ھالقا بەلباغ (كۆپىيىش بەلبېغى) ھاسىل بولىدۇ، ئۇنىڭ ئاجرىتىپ چىقارغان سۇيۇقلۇقى ئۇرۇقلانغان تۇخۇم قاچىلىنىدىغان ۋە تۆرەلمە تەرەققىياتىغا ئىشلىتىلىدىغان تۇخۇم غوزىكى (كوكوئون) شەكىللەندۈرەلەيدۇ. لىچىنكا دەۋرىدىن ئۆتمەيلا بىۋاسىتە يېتىلىدۇ. بەزى تۈرلىرى توغرىسىغا بۆلۈنۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆپىيەلەيدۇ. مەسىلەن، ئېيولوسوما قۇرتىنىڭ توغرىسىغا بۆلۈنگەندىن كېيىنكى ئىندىۋىدلىرى دائىم بىرلىشىپ زەنجىرسىمان كولونىيە شەكىللەندۈرىدۇ، ئاساسەن تۇپراق ۋە تاتلىق سۇلاردا، ئاز ساندىكىلىرى دېڭىز - ئوكيانلاردا ياشايدۇ. دۇنيا خاراكتېرلىك تارقالغان، يەنە بىرمۇنچىلىرى رايون خاراكتېرلىك تارقالغان. مەسىلەن، سازاڭ قۇرت، سۇ يىپ سازىڭى قاتارلىقلار. بۇ سىنىپتىكى زور كۆپچىلىك تۈرلەر سازاڭ قۇرتلار بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ تەخمىنەن بەشتىن تۆت قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.
ئۇنىۋېرسال
guǎ máo gāng
ئولىگوخېتا قۇرتى سىنىپى