Uyghur主要词典
گۇڭ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
جۇڭگونىڭ بۇرۇنقى فېئوداللىق تەبىقە ئۇنۋانى.
ۋاڭ - گۇڭلار.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
گاچا، تىلسىز؛ كېكەچ.
مەست، ھوشسىز:
1. تەگمەسە گۇلغە سەھەر سالقىنى خەندان ئولماس،
ئىشقىدىن يەتمەي ئەسەر گۇڭ سۇخەندان ئولماس.
گۇمنام.
2. گۇل تۇزۇغان چاغدا بۇلبۇلدەك بولۇپمەن گۇڭۇلال،
ئاھىكىم بولدى خەزان شاخىمدا گۇل بەرگى تەرىم.
مەھزۇن.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تىلسىزلىق: گۇڭۇلال - تىلسىز، كىكەچ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئات _ ئۇلاغ، مال _ ۋاراننىڭ تېزىكى، قىغى.
چىلە _ قوتان قىغى. گۇڭ _ كونا مال قورۇسى قىغى. شىۋەر _ ئېغىل قىغى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
قوڭغۇز، قارا ھەرە قاتارلىق ھاشاراتلار ئۇچقاندا چىقىدىغان ئاۋاز:<گۇڭ - گۇڭ> قىلماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خەنزۇچە
جان ت. ئىش كۈنى.
گۇڭ خاتىرىلىمەك.
يەر ئۆلچەش ئەسۋابى.
- قېنى قايسى نوچى يېرىمگە گۇڭ سېلىشقا پېتىنىدىكەن، قاڭشىرىنى ئېتىلدۇرۇۋېتىمەن ! - دەيتتى روزىمەت قولىدىكى يوغان چالمىنى كۆرسىتىپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خەنزۇچە
خاننىڭ بىرىنچى ئوغلى ياك ئوغلى بولمىسا بىرىنچى ئىنىسىغا بېرىلىىدىغان ئىز باسارلىق ئەمەل. بۇنى خان بەلگىلەپ يارلىق چۈشۈرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. غۇم، ئاداۋەت.