Uyghur主要词典
گىتلېر
يۈز مەشھۇر شەخىس
1889 - 1945
گىتلېرنىڭ ئىسمىنى بۇ كىتابقا كىرگۈزگىنىمگە ئۆزۈممۇ ناھايىتى يىرگىنىمەن. چۈنكى گىتلېرنىڭ تەسىرى ياخشى ئەمەس ھەم زىيانلىق. مېنىڭ 35 مىليون ئادەمنىڭ بېشىغا چىققان بۇ جاللاتنى كۆككە كۆتۈرگۈم يوق. بىراق، ئۆزىمىزنى قاچۇرغىلى بولمايدىغان شۇنداق بىر ئەمەلىيەت باركى، ئۇ بولسىمۇ، گىتلېر زور بىر تۈركۈم ئادەملەرنىڭ ھاياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەنىدى.
گىتلېر 1889 - يىلى ئاۋسترىيىنىڭ بلانوۋ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئۇ بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان رەسسام ئىدى. ئۇ ئىككى قېتىم ۋېناغا بېرىپ گۈزەل - سەنئەت شۆيۈەنىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتەلمەيدۇ. بىراق، ئۇ ياش ۋاقتىدا گېرمانىيىگە سادىق ۋەتەنپەرۋەرگە ئايلانغانىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گىتلېر گېرمانىيە قوشۇنىدا ئەسكەر بولىدۇ، باتۇرانە جەڭ قىلىپ يارىلىنىدۇ، ئىككى قېتىم ئوردېن ئالىدۇ.
گېرمانىيىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى گىتلېرنىڭ قەلبىگە قاتتىق تەسىر قىلىدۇ، ئۇ ميۇنخېندا كىچىك بىر ئوڭ قانات پارتىيىگە قاتنىشىدۇ، كېيىن بۇ پارتىيە ئىسمىنى گېرمانىيە دۆلەت سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى دەپ ئۆزگەرتىدۇ(قىسقارتىپ ناتسىستلار دېيىلىدۇ). ئىككى يىل ئىچىدە، گىتلېر بۇ پارتىيىنىڭ ئىچىدە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان داھىي بولۇپ قالىدۇ. گىتلېرنىڭ رەھبەرلىكىدە، ناتسىستلار پارتىيىسى بارغانسېرى قۇدرەت تاپىدۇ. 1923 - يىلى، ئۇلار سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. گىتلېر بەش يىللىق تۈرمىگە ئېلىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇ تۈرمىدىن توققۇز ئايدىلا يېنىپ چىقىدۇ.
1928 - يىلى، ناتسىستلار پارتىيىسى تېخىمۇ قۇدرەت تاپىدۇ. 1933 - يىلى، گىتلېر سۇيقەست بىلەن زۇڭتۇڭ ھىندېنبورگنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋېلىپ، بىرىنچى ئايدا ھاكىميەت تەشكىللەپ مۇتلەق ھاكىميەت يۈرگۈزىدۇ. ئۇ دۆلەت ھاكىمىيەت تەشكىللەپ مۇتلەق ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ. ئۇ دۆلەت ھاكىمىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ھېچقانداق سوت قىلماي تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي رەقىبلىرىنى يوقىتىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىمۇ ئۆلۈمدىن قۇتۇلالمايدۇ. بىراق، ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى دۆلەت ئىگىلىكىنى مەلۇم دەرىجىدە گۈللەندۈرەلىگەنىدى ھەمدە بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەنىدى.
گېرمانىيە ھەربىي قوشۇنىنى كېڭەيتىپ، ئۇرۇش تەييارلىقى كۆرۈشكە باشلايدۇ (ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى). ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيە دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي كرىزىس بىلەن بولۇپ كېتىپ، گىتلېرنىڭ ۋېرسال تېنچلىق شەرتنامىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان بۇ قىلمىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋاقتى يوق ئىدى. ئۇلار ھەم گىتلېرنىڭ نېمىس قوشۇنلىرىنى تەشكىللەۋاتقىنىنى سەزمىدى ھەم ئۇنىڭ 1936 - يىلى رېيىن رايونىنى ئىگىلىۋالىدىغانلىقىدىن بىخەۋەر ئىدى، ئۇنىڭ ئاۋسترىيىنى ئۆز زېمىنىغا قوشۇۋالىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدى. تىنىچلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن، چېخوسلوۋاكىيە گىتلېرنىڭ قارا نىيىتى ئۈچۈن قۇربان قىلىپ بېرىلىدۇ. گىتلېر بۇ ئىشلارنى قىلغاندا، ئەگەر ھەر قانداق دۆلەت قارشىلىق كۆرسەتسە، ئۇ ھەدېسىلا ئۇرۇش بىلەن تەھدىت سالاتتى.
پولشا گىتلېرنىڭ ئىككىنچى قوشۇۋېلىش نىشانى بولدى، ئەنگىلىيە، فرانسىيىلەر پولشانى قوغداپ قالماقچى بولدى. گىتلېر ئۆزىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، 1939 - يىل 8 - ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرىي ستالىن بىلەن ئۆز ئارا تاجاۋۇز قىلماسلىق شەرتنامىسى تۈزۈشتى. مۇشۇ شەرتنامە تۈزۈلۈپ توققۇز كۈندىن كېيىن، گىتلېر پولشاغا تاجاۋۇز قىلدى؛ گەرچە ئەنگىلىيە، فرانسىيىلەر دەرھال گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان بولسىمۇ، پولشا تېزدىن نېمىس قوشۇنلىرىنىڭ ئاياغ ئاستىدا قالدى.
1940 - يىلى گىتلېرنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئىدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ قوشۇنى 4 - ئايدا دانىيە بىلەن نورۋىگىيىنى، 5 - ئايدا گوللاندىيە، بېلگىيە ۋە ليۇكسېمبورگنى ئىشغال قىلىۋالغانىدى. 6 - ئايدا فرانسىيىنى مەغلۇپ قىلدى؛ بىراق، يىل ئاخىرىدا، ئەنگىلىيە گېرمانىيىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا قاتتىق تاقابىل تۇرغانلىقتىن، گىتلېر غەلبە قىلالماي قالدى.
1941 - يىلى، گىتلېرنىڭ قوشۇنلىرى گرېتسىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆز ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسىنى يىرتىپ تاشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زور بىر تۈركۈم زېمىنىنى ئىگىلىۋالىدۇ. بىراق، قىش پەسلى كېلىشتىن بۇرۇن سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنى يوقىتالمىدى. گىتلېر ئەنگىلىيە، فرانسىيلەر بىلەن ئۇرۇش بازىسى خارىل پىلبورغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىنلا ئامېرىكىغا ئۇرۇش ئېلان قىلدى.
1942 - يىلى يىل ئوتتۇرىسىغىچە، گېرمانىيە ياۋرۇپانىڭ كۆپ قىسمىنى، شىمالىي ئافرىقىنىڭ زور بىر قىسىم زېمىنىنى كونترول قىلىۋالىدۇ. 1942 - يىلى كېيىنكى يېرىم يىلدا، گىتلېر شىمالىي ئافرىقىنىڭ ئالايمان بىلەن ستالىنگرادتا مەغلۇپ بولىدۇ. بۇ ئۇنىڭ مەغلۇبىيەتكە قاراپ مېڭىشىدىكى بۇرۇلۇش بولۇپ قالىدۇ. بۇ مەغلۇبىيەتلەردىن كېيىن، گىتلېرنىڭ تەقدىر قۇشى توزۇشقا باشلايدۇ. گېرمانىيىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى كۆز ئالدىدىكى ئىشلار بولۇپ قالىدۇ. بىراق، گىتلېر تەسلىم بولۇشنى رەت قىلىدۇ. ستالىنگراد ئۇرۇشىدىن كېيىن، گىتلېر يەنە ئىككى يىل تىرمىشىدۇ، ئۇنىڭ پاجىئەلىك خاتىمىسى 1945 - يىلى يېتىپ كېلىدۇ. گېرمانىيە تەسلىم بولۇپ يەتتە كۈندىن كېيىن، گىتلېر 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى بېرلىندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ.
دۇنيا تارىخى
(1889 - 1945). فاشىست گېرمانىيەنىڭ فيورىرى (دۆلەت باشلىقى، 1934 - 1945)، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ئۇرۇش جىنايەتچىسى. ئاۋسترىيىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى تاموژنا ئەمەلدارى. لىنىس قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇپ، كېيىن ۋېنادا رەسىم سىزىش ۋە بىناكارچىلىقىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە ئارمىيىسىدە مىلادىشى سېرژانت بولغان. 1919 - يىلى گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى (بۇ پارتىيە ئىككىنچى يىلى مىللىي سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيسى، يەنى ناتسىستلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن) گە قاتناشقان ھەمدە ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1921 - يىلى 7 - ئايدا بۇ پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، پارتىيە كاتتىبېشى بولغان. 1923 - يىلدىكى پىۋىخانا تۇپىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن بىر مەزگىل تۈرمىگە تاشلانغان. 1924 - يىلى 12 - ئايدا قويۇپ بېرىلگەن. ئىككىنچى يىلى ناتسىتلار پارتىيىسىنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىققان. 1933 - يىلى 1 - ئايدا، مونوپول گورۇھنىڭ قوللىشى بىلەن زۇڭلى بولغان. ئىككىنچى يىلى 8 - ئايدا گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ھىندېنبۇرگ ئۆلگەندىن كېيىن ئۆزىنى دۆلەت باشلىقى، قوشۇمچە زۇڭلى دەپ ئاتىغان. پارلامېنتنى تارقىتىپ بارلىق ئۆكتىچى پارتىيىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. فاشىستىك دىكتاتۇرا يۈرگۈزۈپ، كوممۇنىستلار، ئىلغار زاتلار ۋە يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلغان ۋە ئۇلارنى قىرغان ھەمدە ئەسكەر كۆپەيتىپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلغان. 1936 - يىلى بېرلىن - رىم ئوق مەركىزىنى قۇرۇپ، رېين غەيرىي ھەربىي رايونىغا بېسىپ كىرگەن، ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا قوراللىق ئارىلاشقان. ئىككىنچى يىلى ئىتالىيە، ياپونىيە بىلەن ھەربىي ئىتتىپاق تۈزگەن. 1938 - يىلى گېرمانىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئالىي قوماندانى بولغان. ئاۋسترىيىنى ۋە چېخوسلوۋاكىيەنىڭ سودېت رايونىنى يۇتۇۋالغان. 1939 - يىلى 3 - ئايدا پۈتكۈل چېخوسلوۋاكىيىنى بېسىۋالغان. 9 - ئايدا پولشاغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1941 - يىلى 6 - ئايدا <سوۋېت ئىتتىپاقى - گېرمانىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى>نى يىرتىپ تاشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغان. 1945 - يىلى 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسى بېرلىننى قورشىۋالغاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۆزىنىڭ <مېنىڭ كۈرەشلىرىم>، <گىتلىرنىڭ ئىككىنچى كىتابى> (1961 - يىلى نەشىر قىلىنغان) ناملىق ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ ئۇچىغا چىققان ئەكسىيەتچىل شوۋىنىزم، قىساسچىلىق ۋە ئىرقچىلىق ئىدىيىلىرىنى تەرغىپ قىلغان.