领域: دۇنيا تارىخى盖世太保
gài shì tài bǎo
نېمىسچە Gestapo نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. فاشىستىك گېرمانيە مەخپىي دۆلەت ساقچىسىنىڭ قىسقارتىلمىسى. گىتلېر 1933 - يىلىنىڭ بېشىدا تەختكە چىققاندىن كېيىن، گرېنگ پرۇسسىيە شتاتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سالاھىيىتى بىلەن تەشكىللىگەن ۋە بىۋاستە رەھبەرلىك قىلغان. 1934 - يىلى 4 - ئايدا ئېسئېسچىلارنىڭ كاتتىبېشى گىمملېر تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان. 1936 - يىلى 6 - ئايدا ئېسئېسچىلارغا قوشۇۋېتىلگەن. ئۇ فاشىستلار پارتىيىسىنىڭ گېرمانىيە ۋە ئىشغال قىلىنغان دۆلەتلەر خەلقى ئۈسىتىدىن ئىشپىيۇنلۇق ۋە تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى ئېلىپ بېرىش قورالى بولۇپ، 1946 - يىلى نيۇرىنبۇرگ خەلقئارا ھەربىي سوت تەرىپىدىن جىنايەتكار تەشكىلات دەپ ئېلان قىلىنغان.