Uyghur←Chinese主要词典
گېرموگېن مۇراجىئىتى
دۇنيا تارىخى
赫尔莫根文告
hè ěr mò gēn wén gào
ⅦⅩ ئەسرنىڭ باشلىرىدا روسىيەنىڭ پراۋوسلاۋىيە دىنىنىڭ باش ئېپىسكوپى گېرموگېن (تەخمىنەن 1530 - 1612) چىقارغان مۇراجىئەت. بارلىق خەلقنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، پولشانىڭ قوراللىق تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىشنى مەقسەت قىلغان. <يەتتە خوجىدار ھۆكۈمىتى> ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە (1610 - 1612)، پولشا ئارمىيىسى موسكۋانى تىزگىنلىگەن، پولشا ۋە شۋېتسىيە ئارمىيىلىرى سمولېنىسكى ۋە نوۋگورود قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلغان. روسىيە بۆلۈۋېلىنىش ۋە مۇنقەرز بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. 1610 - يىلنىڭ ئاخىردىن 1611 - يىلنىڭ باشلىرىغىچە گېرموگېن ھەرقايسى شەھەرلەرگە مۇراجىئەت چىقىرىپ، بارلىق خەلقنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، پايتەخت موسكۋانى ئازاد قىلىشقا چاقىرغان. بۇ مۇراجىئەتلەر روسيە خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى ۋە دۈشمەننى يېڭىش ئىرادىسىنى قوزغىغان. پولشا تاجاۋۇزچىلىرى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن گېرموگېننى يەر ئاستى گۇندىخانىغا سولاپ قويغان. ئۆ ئۆلگەنگە قەدەر تىز پۈكمىگەن.