Uyghur主要词典
گېرمانوس
دۇنيا تارىخى
(1771 - 1826) گرېتسىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى يول باشچىلىردىن بىرى، پاترىنىڭ باش ئېپىسكوپى. خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا، 1821 - يىلى 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى گرېتسىيەنىڭ جەنۇبىدا مورېئادىكى سېن لائور مۇناستىرىدا گرېكلارنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مىللىي قوزغىلىڭىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىغان. كېيىن مۇتەئەسسىپلەر گۇرۇھىنىڭ ئەزاسى بولۇپ قالغان. لېكىن گرېتسىيە بۇرژۇئا تارىخلىرىدا، 1821 - 1829 - يىللاردىكى مىللىي مۇستەقىللىك ئۇرۇشنىڭ تەشەببۇسچىسى دەپ قارالغان.