Uyghur←Chinese主要词典
گېرمانىيە مىللىي سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
德国民族社会主义工人党
dé guó mín zú shè huì zhǔ yì gōng rén dǎng
كونا تەرجىمىدە گېرمانىيە دۆلەت سوتسىياسىتلار ئىشچىلار پارتىيىسى دەپ ئېلىنغان. ناتسىتلار پارتىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گېرمانىيىدىكى فاشىستىك پارتىيە. ئۇنىڭ تەكتى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ميۇنخېندا قۇرۇلغان گېرمانىيە ئىشىچلار پارتىيىسى. 1919 - يىلى گىتلېر بۇ پارتىيىگە قاتناشقان ھەم بۇ پارتىيىنى ئىگىلىۋالغان. 1920 - يىلى <25 ماددىلىق پروگرامما> ئېلان قىلىنىپ، ھازىرقى ئىسىمغا ئۆزگەرتىلگەن. 卐 شەكىللىك پارتىيە بەلگىسى ۋە پارتىيە بايرىقى تۈزۈلگەن ھەمدە يەھۇدىيلارغا قارشى گېزىت - <خەلق كۆزەتكۈچىسى> گېزىتىنى سېتىۋېلىپ پاتىيە گېزىتى قىلغان. 1921 - يىلى <داھىي پرىنسىپى> (باشلىق تۈزمى) تۇرغۇزۇلغان، گىتلېر ئاتامان بولغان ھەمدە ھۇجۇمچى ئەترىتىنى قۇرغان. 1923 - يىلى پىۋىخانا توپىلىڭىنى قوزغاپ، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن مەنئىي قىلىنغان. 1925 - يىلى يېڭىۋاشتىن پائالىيەت قىلغان بۇ پارتىيە بۈيۈك نېمىسچىلىقنى تەرغىپ قىلىپ، تاجاۋۇزچىلىق - كېڭەيمىچلىك سىياستىنى كۆككە كۆتۈرۈپ، ماركسىزم ۋە دېموكراتىزمغا ھۇجۇم قىلىپ، مونوپول كاپىتال گۇرۇھىنىڭ زور مەدىتىگە ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە <سوتسىيالىزم> نى كۆز - كۆز قىلىپ، ئوتتۇرا، تۆۋەن قاتلامدىكى كەڭ ئاممىنى ئالدىغان. 3193 - يىلى 1 - ئايدا ئىقتىسادىي كىرىزىس ۋە ئىجتىمائىي داۋالغۇشتىن پايدىلىنىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان. ئىچكى جەھەتتە كوممۇنىستلارنى دەھشەتلىك باستۇرۇپ، باشقا پارتىيىلەرنى تارقىتىۋەتكەن، دېموكراتىيە ئەركىنلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، يەھۇدىيلارنى چەتكە قېقىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان، فاشىستىك تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى يۇلغا قويغان. تاشقى جەھەتتە <ۋېرسال ئەھدىنامىسى> نى يىرتىپ تاشلاپ، ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ئىشىنى غالجىرلارچە ئېلىپ بېرىپ، ئۇق مەركىزىي دۆلەتلەر گۇرۇھىنى تەشكىللەپ، خالىغانچە تاجاۋۇز قىلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان. گېرمانىيە 1945 - يىلى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر باشقۇرۇش ھەيئىتى تەرىپىدىن قانۇنسىز تەشكىلات دەپ جاكارلىغان.