Uyghur←Chinese主要词典
گرېگ
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
格雷格〈加〉
gé léi gé 〈jiā 〉Dئىستېتىكا
گرېگ (نورۋىگىيىلىك)
格里格(Grieg,1843--1907,挪威人)
gé lǐ gé (Grieg,1843--1907,nuó wēi rén )
دۇنيا تارىخى
格里格
gé lǐ gé
(1) ئېدۋارد گرېگ (1843 - 1907). نورۋىگىيە كومپوزىتورى. 1858 - 1862 - يىللىرى لېيپسىگ مۇزىكا شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 1863 - يىلى نورۋىگىيە كومپوزىتورى نوردرائاك (1842 - 1866) نىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، شىمالىي ياۋرۇپا مىللىي مۇزىكىلىرىنى تەتقىق قىلىشقا بېرىلگەن. ياندۇرقى يىلى نوردرائاك قاتارلىقلار بىلەن مۇزىكا تەشكىلاتى - <يۇتىپىي جەمئىيىتى>نى قۇرۇپ چىقىپ، گاتەينىڭ مەدرىسچىلىك خاھىشى بىلەن قارشىلىشىپ، مىللىي مۇزىكىنى جارى قىلدۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغاندىن تاشقىرى، دائم مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئۆزىنىڭ ئەسەلىرىنى سەھنىدە ئۇرۇنلىغان. ئۇ بۇرژۇئا دېموكراتىزمى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى خاھىشىغا ئىگە بولۇپ، ئەسەرلىرىنىڭ تولىسىدا ئاددىي تۇرمۇشنى، شىمالىي ياۋرۇپادىكى خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەتلەرنى، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ياكى تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى تېما قىلغان، روشەن مىللىي ئۇسلۇبقا ئىگە بولۇپ، نورۋىگىيە مىللىي مۇزىكىسىنىڭ ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ. ئاساسىي ئەسەرلىرى: ئىبىسېننىڭ سەھنە ئەسىرى - <بېركىنت> كە ئىشلەنگەن مۇزىكا، <رويال تەڭكەش قىلىنغان a مىنور مۇزىكىسى>، <e خەلق ناخشىلىرىغا رويال بىلەن ئۇرۇنلانغان e مىنور مۇزىكىسى>، <رويال بىلەن چېلىنىدىغان لىرىكىلىق مۇزىكىلار توپلىمى>دىن ئون توم، ئىسكىرىپكا بىلەن چېلىنىدىغان ئۈچ قىسىملىق مۇزىكا ۋە نۇرغۇنلىغان ناخشا مۇزىكىلىرى قاتارلىقلار بار. (2) نوردال گرېگ (1902 - 1943). نورۋىگىيىلىك شائىر، يازغۇچى. ئاۋۋال ئوسلو داشۆسىدە تىل ئۆگەنگەن، كېيىن ئەنگليە ئوكسىفورد داشۆسىدە ئوقۇغان. مۇخبىر، دېڭىزچى بولغان. 1926 - 1927 - يىللىرى جۇڭگودا بولۇپ، <جۇڭگودىكى كۈندىلىك خاتىرە> دېگەن كىتابنى يازغان. 1932 - 1934 - يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. ئىسپانىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە غەربىي سەپتە ھەربىي مۇخبىر بولغان. نورۋىگىيە گېرمانىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئەنگلىيىگە بېرىپ جەڭگە قاتناشقان، ئايروپىلان بىلەن بېرلىنغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىۋاتقاندا قۇربان بولغان. ئۇنىڭ شېئىرلار تووپلىمىدىن <ئۈمىد تۇمشۇقىنى ئايلىنىش>، <پاراخوت قوزغالدى>، <نورۋىگىيە مېنىڭ قەلبىمدە>، رومانىدىن <ئىسپانىيىدىكى ياز>، سەھنە ئەسىرىدىن <بىزنىڭ شان - شەرىپىمىز ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىمىز> قاتارلىقلار بار.