Uyghur主要词典
گىرداب
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
گىرداپ، قاينام، قۇيۇن:
... ئۇزارغىدار ئوتى ھەرارىتىدىن ۋامۇق جىسمىن ئەشك گىردابىدا غەرق قىلغاندەك ...
مۆجىزى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سۇنىڭ ئايلىنىپ ئاقىدىغان يېرى، قاينام؛ قۇيۇن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەريادا سۇ ئايلىنىپ، قاينىغاندەك بولۇپ تۇرغان يەر.
«گۆلەڭ» ئىلى شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ئىزدىگەن قاينامدىنمۇ يىڭنىنى تاپار. يا قاينامدىن چىقسۇن، يا سايرامدىن. دۈشمەن ئەجەل گىردابىغا بېرىپ قالدى، ئەمما تېخى ھالاك بولمىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
دەريا، ئۆستەڭلەردىكى سۇنىڭ ئايلىنىپ، چۆرگىلەپ قاينام ھاسىل قىلىپ ئاقىدىغان يېرى؛ قاينام.
بىز كېمە بىلەن دەجلە دەرياسىدا كېتىۋېتىپ، دەريادا بىر گىردابقا دۇچ كېلىپ كېمە غەرق بولدى.
ئەتراپ، قىرغاق، گىرۋەك، لەۋ، چېگرا.
ئۆلۈم گىردابى. يار گىردابى.