Uyghur←Chinese主要词典
گېراكلىيە
دۇنيا تارىخى
赫拉克里亚
hè lā kè lǐ yà
قەدىمكى زاماندا تەڭرى گېراكىلىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان شەھەرلەر. ئاساسلىقى: (1) سىتسىلىيە ئارىلنىڭ غەربىي جەنۇبىي دېڭىز بويىدىكى خالىكوس دەرياسىنىڭ ئېغىزىغا جايلاشقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كرىت پادىشاھى مىنوس قۇرغانىكەن، شۇڭا مىنوئا دەپ ئاتالغان؛ دەسلەپتە كرېتلار بۇ يەرگە ئاھالە كۆچۈرگەن. تەخمىنەن مىلادىدىن 500 يىل ئىلگىرى لاكېدىمونلار (سپارتالار) ئۇنى بېسىۋالغان ۋە نامىنى گېراكىلىيە دەپ ئۆزگەرتكەن. كېيىن ئۇنى كارفاگېنلىقلار ئىشغال قىلىۋالغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىردە سىتسىلىيە ئارىلى بىلەن بىللە رىمغا تەۋە بولغان. (2) كىچىك ئاسىيانىڭ بىتىنىيە چېگرىسى ئىچىدە، قارا دېڭىز (يوكشىن دېڭىزى) نىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان. شۇڭا پونتىيىدىكى گېراكلىيە دەپ ئاتالغان (بۈگۈنكى تۈركىيەنىڭ ئېرېگلى دېگەن يېرى). تەخمىنەن مىلادىدىن 550 يىل ئىلگىرى گرېتسىيەنىڭ مېگارا ۋە تاناگرا (پېئېتىيە چېگرىسى ئىچىدە) شەھەرلىرى قۇرغان مۇستەملىكە. ئۇ، بارا - بارا تەرەققى قىلىپ، ئاۋات سودا پورتىغا ئايلانغان، غەربىي ئاسىيا بىلەن ياۋرۇپانىڭ سودا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا رول ئوينىغان. كېيىن مەرمەر دېڭىزى يەنى پروپونتسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى نىكومىدىيە شەھىرى گۈللەپ كەتكەن، گېراكلىيە كەينى - كەينىدىن ئۇرۇش بۇزغۇنچلىقىغا ئۇچراپ، خارابلىشىپ كەتكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىردە رىمغا تەۋە بولغان. (3) جەنۇبىي ئىتالىيىدىكى لۇكانىيىنىڭ چېگرىسى ئىچىگە جايلاشقان. تارنىيوم قولتۇقى ئەتراپىدا. سپارتالىقلارنىڭ مۇستەملىكىسى تارېنتوم شەھىرى قۇرغان. مىلادىدىن 280 يىل ئىلگىرى پىرروس بۇ يەردە رىملارنى يەڭگەن. ئۇزۇن ئۆتمەيلا رىم زېمىنىغا قوشۇۋېتىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا بۇ نام بېرىلگەن شەھەرلەردىن يەنە بىرقانچىسى بار. مەسىلەن: ماكېدونىيە چېگرىسى ئىچىدىكى شەھەر، ئۇ يەنە لىنىسېستى دەپمۇ ئاتىلىدۇ؛ ئوتتۇرا گرېتسىيىدىكى ئېتولىيەنىڭ شەرقىدىكى شەھەر (دېموبلىغا يېقىن) قاتارلىقلار.