Uyghur←Chinese主要词典
گىپوفىز بېزى
بىئولوگىيە
脑垂体
nǎochuítǐ
<مېڭە ئاستى بېزى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار تېنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىچكى ئاجرالما بېزى بولۇپ، ئارىلىق مېڭىنىڭ قورساق تەرىپىگە جايلاشقان. يۇمىلاق ئېغىزلىق ھايۋانلارنىڭ گېپوفىز بېزى بىر ياپراقلا بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقى مەزگىلىدىكى ئېغىز بوشلۇقى دۈمبە دىۋارىنىڭ ئۈستىگە ئۆسۈپ چىقىشى بىلەن شەكىللەنگەن. باشقا ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ گىپوفىز بېزىنى ئادەتتە ئىككى قىسىمغا يەنى ئالدىنقى ياپراقچە ۋە كېيىنكى ياپراقچىگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئالدىنقى ياپراقچە بېزى يۇمىلاق ئېغىزلىقلارنىڭكىگە ئوخشاش ئېغىز بوشلۇقى ئېپىدېرمىسىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن، كېيىنكى ياپراقچە بېزى بولسا، ئارىلىق مېڭە نېرۋا توقۇلمىسىنىڭ ئاستىنقى ئۆسۈكچىسىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. كېلىش مەنبەسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئالدىنقى ياپراقچىنى <بەز خاراكتېرلىك گىپوفىز>، كېيىنكى ياپراقچىنى <نېرۋا خاراكتېرلىك گىپوفىز> دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. ئالدىنقى ياپراقچە كۆپ خىل گورمونلارنى ئاجرىتىپ چىقىرالايدۇ، مەسىلەن، ئۆستۈرگۈچى گورمون (تېتېلىن)، تروتىروپىن (قالقان بەز خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى گورمون)، ئادرېنوكورتىكو تروپىك گورمون ( ACTH، بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلىقىنىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى گورمون)، گونادو تروپىن (جىنسىي بەزنى قوزغاتقۇچى گورمون) قاتارلىقلار. كېيىنكى ياپراقچە ئىككى خىل گورموننى، يەنى پىتوتسىن (ئوكسىتوتىسىن) ۋە پىترېسسىنلەرنى ئاجرىتىپ چىقىرالايدۇ. شۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، گىپوفىز بېزى ئۆسۈپ يېتىلىش، مېتابولىزم ۋە جىنسىي قابىلىيەت قاتارلىقلارغا قارىتا مۇھىم رول ئوينايدۇ ھەمدە باشقا ئىچكى ئاجرالما بەزلىرىنىڭ پائالىيىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. ئىنسانلار گىرىپتار بولىدىغان <گىگانتىزم> كېسىلى گىپوفىز بېزى ئالدىنقى ياپراقچىسىنىڭ خىزمىتىنىڭ كۈچىيىپى كېتىشىدىن كېلىپ چىققان. ئەگەر خىزمىتى سۇسلىشىپ كەتسە <پاپا> كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.