Uyghur←Chinese主要词典
گېپارىن
بىئولوگىيە
肝素
gānsù
تەركىبىدە سۇلفات كىسلاتا ئېستېرى بولغان بىر خىل يېپىشقاق پولى ساخارىد بولۇپ، تەكشى بولمىغان پولى ساخارىد مولېكۇلىسىغا مەنسۇپ بولىدۇ. مولېكۇلا ئېغىرلىقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 17 مىڭ، گلۇكوزامىن (α - تىپلىق) ۋە ئىككى خىل ئۇرۇنىك كىسلاتادىن تۈزۈلىدۇ، ئۇنىڭدا ئىدرونىك كىسلاتا ئاساس، گلۇكورونىك كىسلاتا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. مولېكۇلىىق تۈزۈلۈشنى تېتروزىلىق تەكرارلىنىش بىرلىكى: ]ئىدورونىك كىسلاتاβ - 1، 4 - گلۇكوزامىن سۇلفات كىسلاتا ئېستېرى - α - 1، 4 - ئۇرونىك كىسلاتا - β - 1، 4 - گلۇكوزامىن[ بىلەن ئىپادىلەشكە بولىدۇ، گېپارىننىڭ تەركىبىدىكى گۈڭگۈرتنىڭ مىقدارى 12% ~ 9 ئارىلىقىدا بولىدۇ، ئۇ ھايۋان تېنىدىكى ئۇيۇپ قېلىشقا قارشى دورا قىلىنىدۇ، قان نۆكچىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ دائىم ئىشلىتىلىدۇ. پەي قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىدۇ، چۈنكى گېپاېرىننىڭ تەسىرىدە ھۈجەيرە پەردىسىدىكى ياغ ئاقسىلى لىپازا قويۇپ بېرىلىپ قان پلازمىسىغا كىرگەندىن كېيىن، زىچلىقى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان ياغ ئاقسىلى ئېلىپ يۈرگەن ياغنى گېدرولىزلاپ تاشلايدۇ. يىرىڭلاتقۇچى تاياقچە باكتېرىيىنىڭ ئۆسۈشىنى تورمۇزلايدۇ.
خىمىيە,ئۇنىۋېرسال
肝素
gān sù