Chinese→Uyghur主要词典
公益同盟
دۇنيا تارىخى
جامائەت مەنپەئىتى ئىتتىپاقى
1461 - يىلى فرانسىيىدىكى چوڭ فېئوداللار قۇرغان ئىتتىپاق بولۇپ، فرانسىيە كورۇلى لۇئى Ⅺ نىڭ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. بۇ ئىتتىپاققا بۇرگند گېرتسوگى چارلېس ( چوڭ يۈرەك) باشچىلىق قىلغان. ئىتىپاق ئۆزلىرىنى <جامائەت مەنپەئىتى> نى قوغدىغۇچىلار دەۋالغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1465-يىلى لۇئى Ⅺ ھەربىي ھەرىكەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، ئىتتىپاق بىلەن سۈلھ تۈزۈشكە مەجبۇر بولۇپ، مەلۇم جەھەتلەردىن يول قويغان. مەسىلەن: سوممې دەرياسىنىڭ (فرانسىيىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە) بويىدىكى شەھەرلەرنى چارلېس (چوڭ يۈرەك) قا بۆلۈپ بەرگەن. كېيىن لۇئى Ⅺسۆھبەتلىشىش، سېتىۋېلىش قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، ئىتتىپاقنى پارچىلىغان. 1477-يىلى فرانسىيە شۋېتسارىيە بىلەن لتررىن بىرلەشمە ئارمىيىسىنى قوللاپ، چارلېسنى (چوڭ يۈرەك) مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن.