Chinese→Uyghur主要词典
宫相
دۇنيا تارىخى
ساراي ۋەزىرى
فرانك خانلىقىنىڭ موروۋېن سۇلالىسىدىكى ساراي خوجىدارى. مىلادىⅥ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، فرانك خانلىقى تەدرىجىي فېئوداللىق تۈزۈمگە يۈزلىنىپ، خانلىق ھاكىمىيەت ئاجىزلىشىپ، ئوردا ۋەزىرى تەدرىجىي ھالدا خانلىقنىڭ ئەمەلىي ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان. مىلادى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، فرانك خانلىقى ئاۋستراسىيە نيۇستىرىيە ۋە بۇرگۇندى قاتارلىق ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن. جايلاردىكى ئاقسۆڭەكلەر ئارقىمۇ - ئارقا ئۆزلىرىنى ئوردا ۋەزىرلىكىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىشكەن. ھەرقايسى ئوردا ۋەزىرى نامزاتلىرى ئوتتۇرىسىدا دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يۈزىسىدىن يېغىلىق يۈز بەرگەن. 687 - يىلغا كەلگەندە ئاۋستراسىيە ساراي ۋەزىرى پېپىن Ⅱ (؟ - 714) غەلىبە قىلىپ، مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ساراي ۋەزىرى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئوغلى چارلىس مارتىل ساراي ۋەزىرى بولغان چاغدا، سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، مەركەزنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتكەن. 751 - يىلى پېپىن Ⅱنىڭ نەۋرىسى، ساراي ۋەزىرى پېپىن (پەتەك) ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزىۋېلىپ، كارولىن خانلىقىنى بەرپا قىلغان ھەمدە ساراي ۋەزىرى دېگەن مەنسەپنى بىكار قىلغان.