Chinese→Uyghur主要词典
工兵代表苏维埃
دۇنيا تارىخى
ئىشچى - ئەسكەرلەر ۋەكىلى سوۋېتى
روسىيە فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىككى ھاكىمىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ۋەزىيەت ئاستىدىكى ئىشچى - دېھقانلار ئىنقىلابىي دېموكراتىك دىكتاتۇرا ئورگىنى. 1917 - يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدا، بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، قوزغىلاڭچى ئىشچىلار ۋە ئەسكەرەلەر ئىچىدىن سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى (روسىيە كالېندارى بويىچە 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى) ھەممىدىن ئاۋۋال پېتروگرادتا قۇرۇلۇپ، باشقا رايونلاردىمۇ كەينى - كەينىدىن بارلىققا كەلگەن. ئۇ قوراللىق ئىشچىلار ۋە ئەسكەرلەرگە تايىنىپ چار كورۇل ئەمەلدارلىرىنى بىكار قىلىپ، ساقچى ۋە ژاندارمىلارنى قورالسىزلاندۇرۇپ، ھەرخىل ئىقتسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان. رەھبەرلىك ھوقۇقى مېنشېۋىكلار ۋە سوتسىيال ئىنقىلابچىلار پارتىيىسىنىڭ قولىدا ئىدى. ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ بېقىندىسى بولۇپ قالغان. كورنىلوۋ توپىلىڭى تارمار قىلىنغاندىن كېيىن، مەركىزىي سوۋېت بىلەن يەرلك سوۋېتنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى تېزدىنلا بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، پارتىيىنىڭ ئۆكتەبر قوراللىق قوزغىلىڭىغار رەھبەرلىك قىلىشىدىكى جەڭگىۋار شتابى بولغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، <تىنچلىق قانۇنى> ۋە <يەر قانۇنى> نى ماقۇللىغان ھەمدە دېھقانلار ۋەكىلى سوۋېتى بىلەن قوشۇلۇپ، ئىشچى - دېھقان - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى سوۋېتى تەشكىللىنىپ، پرولېتارىيات دىكتاتۇرىلقىدىكى ھاكىمىيەت ئورگىنىغا ئايلانغان. 1918 - يىلى ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، نامى ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيە ۋەكىللىرى سوۋېتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1936 - يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، كېيىن يەنە ئەمگەكچىلەر ۋەكىللىرى سوۋېتى قىلىپ تەشكىللىگەن.