Uyghur←Chinese主要词典
گولگى ئاپپاراتى
بىئولوگىيە
高尔基体
gāoěrjītǐ
<گولگى ئورگىنى> ياكى <گورگى كومپلېكس تەنچىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىتوپلازمىدىكى بىر خىل ھۈجەيرە ئورگىنى بولۇپ، ئالدى بىلەن 8189 - يىلى ئىتالىيىلىك ئالىم گولگى (Gamillo Golgi) تاپقانلىقتىن، شۇنداق نام بېرىلگەن. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ھۈجەيرىسىدە تورسىمان تۈزۈلۈشلۈك بولۇپ، نېۋرونلارنىڭ يادروسى ئەتراپىدا ياكى ئاجرىتىپ چىقارغۇچى ئېپىتېلىيە ھۈجەيرە يادروسىنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىدە بولىدۇ. ئومۇرتقىسىز ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىلىرىدە بۆلەك - بۆلەك ياپراقسىمان بولۇپ سىتوپلازمىغا تارقالغان. ئوپتىك مىكروسكوپتا گۈلگى ئاپپاراتىنىڭ شەكلى، تۈزۈلۈشى ھەر خىل ھۈجەيرىلەردە ئىنتايىن بىردەك بولمىغانلىقتىن، ئوخشىمايدىغان نۇرغۇنلىغان ناملار بىلەن ئاتالغان. بەزىلەر ئۇنى ھەقىقىي تۈزۈلۈش بولماستىن، سۈنئىي مەھسۇلات دەپ گۇمانمۇ قىلغان. فرانسىيە ئالىمى پارات (Parat) قاتارلىقلار 1924 - يىلى <ۋاكۇئولا سىستېمىسى تەلىماتى> (Vacuometheory) نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گولگى ئاپپاراتى ھايات سىستېمىدىكى نېيترال قىزىل ياكى مېتىلىن كۆكى بىلەن بويىلىدىغان بەزى ۋاكۇئولا ياكى كىچىك تامچىلاردىن تۈزۈلىدۇ، تورسىمان ھەقىقىي تۈزۈلۈشى بولمايدۇ - دەپ قارىغان. 50 - يىللارغا كەلگەندە ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ تېخنىكىسىنى قوللىنىپ كۆزىتىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىقلا ئاندىن گولگى ئاپپاراتىنىڭ ئەسلىدە بار بولغان بىر خىل ھۈجەيرە ئورگىنى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ پاراللېل تىزىلغان ياپىلاق خالتىسىمان ۋە چوڭ - كىچىك پەردىسىمان قۇرۇلمىدىن تۈزۈلگەنلىكى ئىسپاتلاندى. گولگى ئاپپاراتى، ئىچكى پلازما تورى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىچكى پلازما تورىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، پەردىلەرنىڭ تىزىلىش شەكلى رىبوزومىنىڭ كەمچىللىكىدىن ئىبارەت. گولگى ئاپپاراتى ھۈجەيرىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئچىكى پلازما تورىدا سىنتېزلەنگەن ماددىلارنى يىغىدۇ ۋە چىقىرىپ تاشلايدۇ. ئۇ بەزى زىموگېن (فېرمېنتوگېن) دانىچىلىرى (مەسىلەن، ھەزىم قىلغۇچى زىموگېن) نى ئۇيۇتىدىغان ئورۇن بولۇپ، ئېرىتكۈچى ئېنزىم تەنچىسىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ ھەم ھۈجەيرىنىڭ ئىستېمال قىلىشى، يۇتۇش جەريانلىرىغا قاتنىشىدۇ. گولگى ئاپپاراتى يەنە قەنت ئاقسىلى ۋە يېپىشقاق پولى ساخارىدلارنىڭ سىتېزلىنىشىغا قاتنىشىدۇ، شۇڭا ھۈجەيرە پەردىسى ۋە ھۈجەيرە پوستىنىڭ ھاسىل بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
تېببىي
内网器
nèi wǎng qì