Uyghur主要词典
گۆشخورلار ئەترىتى
بىئولوگىيە
<كارنىۋورالار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېمىتكۈچىلەر سىنىپىنىڭ ھەقىقىي ئېمىتكۈچىلەر كەنجى سىنىپىغا تەۋە. تولاراق گۆش يەيدىغان ئېمىتكۈچى ھايۋانلار، يەنى ئادەتتە ئېيتىلىۋاتقان يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن ئىبارەت. چىشلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى ئالاھىدە بولۇپ، كۈرەك چىشى كىچىك، ئۈستۈنكى ئۈچىنچى جۈپ كۈرەك چىشى ئادەتتە چوڭراق بولىدۇ. يىرتقۇچ چىشى (قوزۇق چىشى) زور، كۈچلۈك ھەم ئۆتكۈر، ئېزىق چىشىنىڭ ئۇچلىرى ئۆتكۈر. ئەڭ ئاخىرقى بىر تال ئۈستۈنكى جاغ ئالدى ئېزىق چىشى بىلەن ئاستىنقى جاغ بىرىنچى ئېزىق چىشى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، تىتقۇچى چىش ياكى <گۆشخور چىش> دېيىلىدۇ. گۆشخور ھايۋانلارنىڭ بەدىنىنىڭ سىرتقى قىياپىتى ۋە چوڭلۇقى ئوخشاشمايدۇ. لېكىن بەدىنى كېلىشكەن، ساغلام - كۈچلۈك كېلىدۇ. چوڭ مېڭىسى تەرەققىي قىلغان، مېڭە پۈرمىلىرى بار، سەزگۈ ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان، ھەرىكىتى چاققان، پۇتلىرى بەش ياكى تۆت بارماقلىق، بارماق ئۇچىدا ئۆتكۈر ھەم ئەگرى چاڭگال تىرناقلىرى بولۇپ، بەزى تۈرلىرىنىڭ ئۇزىراپ قىسقىرالايدۇ. بۇ ئەترەتتىكى بەزى تۈرلەر مۇتلەق گۆشلا يەيدىغان ھايۋانلاردىن بولماستىن بەكلى ئارىلاش ئوزۇقلىنىدىغان ياكى ئۆسۈملۈكلەرنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدىغان ھايۋانلارمۇ بار. مەسىلەن، ئېيىق، بورسۇق، كىچىك مۈشۈكئېيىق ھەم چوڭ مۈشۈكئېيىق قاتارلىقلار. كۆپ ساندىكىلىرى يەر يۈزىدە ھەرىكەتلىنىدۇ، دەرەختە ياشايدىغان ۋە يېرىم سۇدا ياشايدىغانلىرىمۇ بار. بۇ ئەترەتكە تەۋە تۈرلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، دۇنيادىكى ھەممە يەرلەرگە دېگۈدەك تارقالغان. بۇلار نۇرغۇنلىغان مەشھۇر، ئېسىل تېرە چىقىدىغان، دورا قىلىنىدىغان ھايۋانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا چوڭ مۈشۈكئېيىققا ئوخشاش ئەتىۋارلىق ئالاھىدە مەھسۇلت ھېسابلىنىدىغانلىرىمۇ بار.