Uyghur←Chinese主要词典
گېنويە جۇمھۇرىيىتى
دۇنيا تارىخى
热那亚共和国
rè nà yà gòng hé guó
Ⅺ - ⅧⅩ ئەسىرلەردىكى ئىتالىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى شەھەر دۆلىتى. لىگورىيە دېڭىز بويىدا. قەدىمكى زاماندا لىگورېسلار ئولتۇراقلاشقان جاي.مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىردە رىم ئىستېلا قىلغان. ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شەرقىي گوتلار، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى، لومباردلار ۋە فرانكلار ئىگىلىۋالغان. Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا چارلېس ئىمپېرىيىسى پارچىلانغاندىن كيىن، بىر چېگرا رايون (مارك) بولۇپ، مارك گراف باشقۇرغان. كېيىن ھاكىمىيەت بىر ئېپىسكوپنىڭ قولىغان چۈشكەن. Ⅹ - Ⅺ ئەسىرلەردە، فرانسىيە، شىمالىي ئافرىقا، سىتسىلىيە، پەلەستىن، سۈرىيىلەر بىلەن قويۇق سودا ئالاقىسى ئورناتقان. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئەھلىسەلىپنىڭ بىرىنچى قېتىملىق شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىغا قاتناشقان، ئوتتۇر دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ئېرۇسالىم، ئانتىيوكۇ، جاففا قاتارلىق شەھەرلەردە مۇستەملىكە رايونى قۇرۇپ، سودا ئىمتىيازىدىن بەھرىمان بولغان. تەخمىنەن مۇشۇ مەزگىللەردە ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا شەھەر كوممۇنىسى شەكىللىنىپ، ھاكىمىيەت باي سودىگەرلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. 1261 - يىلى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىنى قوللىغان، ئۇلار مىننەتدارلىق ھېسابىدا، گېنويىنىڭ كونستانتىنوپول شەھەر ئەتراپى، قارا دېڭىز بويى ۋە كىچىك ئاسىيا قاتارلىق جايلاردا بىرنەچچە سودا نۇقتىلىرىنى قۇرۇشىغا ماقۇل بولغان. 1284 - يىلى ۋە 1298 - يىلى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سودا جەھەتتىكى كۈچلۈك رەقىبى پىسا ۋە ۋېنېتسىيىلەرنى يەڭگەن. ⅣⅩ ئەسىردە ئىچكى قىسىمدا پاپا تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش كەسكىن بولغان. 1380 - يىلى ۋېنتسىيە تەرىپىدىن يېڭىلىپ، خارابلاشقان. 1797 - 1805 - يىللىرى نامىنى لىگورىيە جۇمھۇرىيىتى دەپ ئۆزگەرتكەن. 1805 - يىلى ئۇنى فرانسىيە يۇتۇۋالغان. 1815 - يىلى ساردېگنا پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. كېيىن ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان.