Uyghur主要词典
گېن
بىئولوگىيە
ئىرسىي ماددىنىڭ ئاساسىي بىرلىكى. بۇ چۈشەنچىنى ئەڭ دەسلەپتە 1865 - يىلى مېندېل (G.J.Mendel) بەرپا قىلغان. <گېن> دېگەن بۇ ئىسىمنى 1909 - يىلى دانىيىلىك گېنېتىكا ئالىمى جونسون ئوتتۇرىغا قويغان. گېن، DNA مولېكۇلىسىدىكى مۇئەييەن فۇنكىسىيىگە ئىگە بولغان كۆپ نۇكلېئوتىد (جۈپى) لىق بىر بۆلەكتىن ئىبارەت. ئاساسىي ئالاھىدىلىكى: (1) توغرا نۇسخىلىنىپ، ئوخشاش نۇسخىسىنى ھاسىل قىلىش بىلەن ئەۋلادىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ؛ (2) مۇئەييەن فۇنكىسىيىگە ئىگە بولۇپ، جانلىقلارنىڭ ئىپادىلىنىش تېنىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە تەسىر قىلىدۇ، مەسىلەن، ئىنسۇلىننىڭ تۈزۈلۈش گېنى كۆچۈرۈلۈپ تەرجىمە قىلىنىپ ئىنسۇلىن (بىر دانە پولى پېپتىد) نى ھاسىل قىلىدۇ - دە، قان قەنتىنىڭ مېتابولىزمىغا تەسىر قىلىدۇ. ئۇنىڭ يېتىشسىزلىكى دىئابېت (قەنت سىيىش كېسىى) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. گېنلارنىڭ رولىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، تەڭشىگۈچى گېن باشقۇرغۇچى گېن، تۈزۈلۈش گېنى tRNA گېنى، rRNA گېنى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ؛ (3) ئۆزگىرىش مۇتاتسىيە پەيدا بولۇپ، ئىككى خىل ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق شەكلى ھاسىل بولىدۇ، يەنى تەڭ ئورۇنلۇق گېن ۋە مۇرەككەپ تەڭ ئورۇنلۇق گېنلار شەكىللىنىدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، گېننىڭ ھەر قانداق بىر ئورۇندا مۇتاتسىيە بولىدۇ، مۇتاتسىيىنىڭ ئاساسىي بىرلىكى مۇتوندۇر؛ (4) ئالمىشالايدۇ. رېكون دەپ ئاتىلىدىغان ئالمىشىش بىرلىكى گېندىكى ھەر قانداق بىر ياكى بىر قانچە نۇكلېئوتىد جۈپىدىن ئىبارەت بولىدۇ. ھازىرقى زامان گېنېتىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، يەنە نۇرغۇنلىغان يېڭى ھادىسىلەر تونۇلماقتا. فۇنكىسىيىسى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بەزى گېنلار ھەر دائىم بىرلىكتە تىزىلىپ، گېنگە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ ئىرسىيەت بىرلىكلىرى، مەسىلەن، ئوپېرون، تەڭ ئورۇنلۇق گېنسىمان ياكى گېنلارنىڭ مۇرەككەپ ئورنىنى ھاسىل قىلىدۇ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە گېنلارنىڭ قاتلىنىشى، ئورۇن يۆتكىشى، ئۈزۈلۈشى قاتارلىق ھادىسىلەر بايقالدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛گرېكچە
بىئولوگىيە
جانلىقلار تېنىدىكى ئىرسىيەتنىڭ ئاساسىي بىرلىكى. ئۇ ھۈجەيرىدىكى خروموسومىغا تۈز سىزىق بويلاپ جايلىشىدۇ.