Uyghur主要词典
گىلېمبۋې
دۇنيا تارىخى
(؟ - 1915) نياسالېند (ھازىرقى مالاۋى) مىللىي ھەرىكىتىنىڭ پېشۋاسى. 19 -ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا، بلانتېردىكى شوتلاندىيە مىسسىئونېرلار جەمئىيىتىگە كىرىپ ئوقۇغان. 1892 - 1895 - يىللىرى دىن ئىسلاھاتى ھەرىكىتىگە قاتنىشپ، ئىرقى تەڭلىكنى ھىمايە قىلغان. 1898 - 1900 - يىللىرى ئامېرىكا نىگېرو ئىلاھىيەت ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1900 - يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. ئېمپونىۋىد ئافرىقىلىقلارنىڭ مۇستەقىل خرىستىئان چېركاۋىنى قۇرۇپ چىققان. ئافرىقىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ۋە خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىنى تەرغىپ قىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندا ئەنگلىيەنىڭ ئەسكەر ئېلىشىغا ئاشكارا قارشى تۇرۇپ، 1915 - يىلى مۇرىتلىرىدىن 1000 كىشىنى باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، مۇزامبېك چېگرىسىدىكى بىر قېتىملىق جەڭدە قۇربان بولغان.