Uyghur主要词典
گىلگامېش داستانى
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى زاماندىكى مېسوپوتامىيە ۋادىسىغا خاس ئەدەبىي ئەسەر. سۇمېرلار دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن. قەدىمكى بابىلون دەۋرى (مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا)دە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بېكىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئاسسۇرىيەنىڭ قەدىمكى پايتەختى نىنېۋىدىكى ئاسۇر بانىپال كۇتۇپخانىسىدىن تېپىلغان، 12 پارچە مىخ يېزىقلىق سېغىز بەت. داستاندا ئۇرۇك ھۆكۈمرانى، رىۋايەتتىكى قەھرىمان گىلگامېش باش قەھرىمان قىلىنىپ، ئۇنىڭ تەڭرىلەر ياراتقان ئېنكىدۇ بىلەن قانداق قىلىپ دوستلۇق ئورنىتىپ، قارىغايلىقتىكى يالماۋۇز خونبابانى بىللە يوقاتقانلىقى؛ ئۇنىڭ ئايال خۇدا ئىشتارنىڭ مۇھەببىتىنى رەت قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان كالاجىن (ئايال خۇدا ئەۋەتكەن) نى ئۆلتۈرگەنلىكى تەسۋىرلەنگەن. ئېنكىدۇ كېسەل بىلەن قازا قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆلمەسلىكنىڭ سىرىنى يېشىش ئۈچۈن يىراققا سەپەر قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەجدادى ئۇتناپىشتنى تاپقان، ئۇتناپىشتنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئۇ <گىياھى ھايات> نى ئوڭۇشلۇق قولغا چۈشۈرگەن. لېكىن ئۇرۇكقا قېچىپ كېلىش سەپىرىدە شىپالىق گىياھنى يىلان ئوغرىلاپ كەتكەن. داستان گىلگامېش بىلەن ئېنكىدۇنىڭ <روھى> ئوتتۇرىسىدىكى بىر قېتىملىق غۇۋا سۆھبەت بىلەن تاماملانغان. داستاندا مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى ھەرخىل رىۋايەتلەر يىغىنچاقلانغان، داستان دەسلىپىدە خەلق ئېغىز ئىجادىيىتى بولۇپ، كېيىن ئۇنى شائىرلار پىششىقلاپ ئىشلىگەن ھەمدە راھىب ۋە دىندىن سىرت ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بەزى ئىدىيىلىرىنى قوشۇۋەتكەن؛ ئۇ، تەپسىلاتنىڭ ئەگرى - بۈگرىلىكى ۋە تەسەۋۋۇر كۈچىگە بايلىقىدىن ئالغاندا، قەدىمكى زامان غەربىي ئاسىيادىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر قاتارىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئۇتناپىشت گىلگامىشقا سۆزلەپ بەرگەن <توپان سۈيى> ھەققىدىكى بىر ئابزاس قىستۇرما سۆز <تەۋرات> تىكى تۇھ پەيغەمبەر كېمىسى توغرىسىدىكى ھېكايىنىڭ مەنبەسى دەپ قارالماقتا.