Uyghur主要词典
گيۇگو
دۇنيا تارىخى
(1802 - 1885) فرانسىيىلىك ئىجابىي رومانتىزملىق يازغۇچى. بېزانسون شەھىرىدىكى ئوفىتسېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1819 - يىلى پاسسىپ رومانتىزمچى شائىر ۋىگنى (1797 - 1863) بىلەن بىرلىكتە <ئەدەبىيات مۇتەئەسسىپلىرى> ھەپتىلىك ژۇرنىلىنى چىقىرىپ، كلاسسىكىزم تەرەپتە تۇرغان. 1822، 1824 - ۋە 1825 - يىللىرى <مەدھىيە ناخشىلىرى> دېگەن ئۈچ توملۇق ئەسىرىنى ئېلان قىلغان. ئىلغار ئىدىيىلىرىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، 1826 - يىلى مۇسسېت (1810 - 1857)، ئالېكساندر دۇماس (1802 - 1870) قاتارلىقلار بىلەن <ئىككىنچى ئەدەبىيات ئۇيۇشمىسى>نى تەشكىل قىلىپ، پادىشاھپەرەسلىكتىن بۇرژۇئا ھۈرىيەتپەرۋەرلىككە ئۆتۈشكە باشلىغان. ئىككىنچى يىلى <كلونۋىر> ۋە <كىلونۋېر مۇقەددىمىسى> ناملىق سەھنە ئەسىرىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئۇنىڭ ئىجابىي رومانتىزملىق خىتابنامىسى بولۇپ قالغان. ئىيۇل خاندانلىقى دەۋرىدە، مۇستەبىتلىك ۋە چېركاۋغا قارشى تارىخىي رومانى <پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋسى> نى يازغان، لېكىن پادىشاھلىق - ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. 1841 - يىلى فرانسىيە ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكلىقىغا سايلانغان. 1845 - يىلى <فرانسىيە تۆرىسى> دېگەن نامغا ئېرىشىپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى بىلەن پادىشاھلىق - ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم ئوتتۇرىسىدا تەۋرىنىپ تۇرغان. 1848 - يىلدىكى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، جۇمھۇرىيەتچىلەر مەيدانىغا ئۆتۈپ، سول قانات دېموكراتلارنىڭ داھىيىسى بولۇپ، ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، پرولېتارىياتنىڭ ئىيۇن قوزغىلىڭىغا ھېسداشلىق قىلغان. ناپولېئون Ⅲ نىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرغانلىقتىن ئۇ چەت ئەلدە 19 يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشكە مەجبور بولغان. قېچىپ يۈرگەن مەزگىلدە، سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلەيدىغان <كىچىك ناپولېئون>، <جىنايەت تارىخى> دېگەن كىتاپچىسى ۋە ھەجۋىي شېئىرلىرى <جازا> قاتارلىقلارنى يازغان. 1870 - يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ پرۇسسىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى كۈرەشكە پائال قاتناشقان. 1871 - يىلى مىللىي پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. پارىژ كوممۇنىسى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كوممۇنا ئەزالىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىغان. گيۇگو ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا دۆلەت دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن <پاجىئەلىك دۇنيا>، <93 يىل>، <ھىجايغاق>، <دېڭىزدىكى مىھنەتكەشلەر> قاتارلىقلار بار.