Uyghur主要词典
غۇرىيە سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1151 - 1206)ئافغانىستان، شىمالىي ھىندىستان ۋە بېنگالدا قۇرۇلغان تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككىنچى سۇلالىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. غۇرلار كابول بىلەن ھىرات ئوتتۇرىسىغا ئولتۇراقلاشقان، ئىران تىل سىستېمىسىدىكى تاغلىقلار بولۇپ، غەزنەۋىيلەرگە قاراشلىق ئىدى. شامسابانىگاھ دەپ ئاتىلاتتى. غەزنەۋۋىيلەر سۇلالىسىدىكى بەھرەم شاھ (1118 - يىلىدىن 1152 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرىدە غۇرلار غەزنە شەھىرىنى قولغا ئېلىپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتتى. غۇرىيە پادىشاھلىقىنىڭ سۇلتانى غىياسىددىن (3116 - يىلىدىن 1202 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) 1173 - يىلى غەزنەنى يەنە ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئۇكىسى سىھابىد دىن (1731 - يىلىدىن 1206 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى) غا ئۆتكۈزۈپ بەردى يەنى بۇ يەرگە غۇر مۇھەممەد ھۆكۈمرانلىق قىلدى. سىھابىددىن 1175 - يىلى تۇنجى قېتىم ھىندىستانغا يۈرۈش قىلىپ، ئۈچ ۋە مۇلتاننى قولغا ئالدى. 1197 - يىلىدىن 1184 - يىلىغىچە بىشاۋۇر، تۆۋەن سىندو ۋەسىيالكوتلارنى قولغا ئالدى. 1186 - يىلى لاھورنى قولغا ئېلىپ، غەنەۋىيلەردىن كېيىن قۇرۇلغان ھاكىمىيەتنى يوقاتتى. 1192 - يىلى ئىككىنچى قېتىم يىراققا سەپەر قىلىشنى باشلاپ، تارول جېىدە غەلىبە قىلىپ، خانسى، كۇھلا قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىپ، بۇ يەرلەرنى قوشۇننىڭ سەركەردىسى قۇتبىددىن ئايبەك (1206 - يىلىدىن 1210 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ ئىدارە قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئۆزى گەزنىگە قايتىپ كەلدى. قۇتبىددىن مىرۇت، كوئىل ۋە دېھلىنى ئىشغال قىلىپ، دېھلىدا ھاكىمىيەت قۇردى. سىھابىددىن گانگ ۋادىسىنى ۋە بېنگال رايونىنى ئىشغال قىلىپ، ئىسلام دىنىنى ھىندىستاننىڭ ئىچكى رايونىرىغىچە تارقاتتى. سىھابىددىن 1202 - يىلى خارەزمگە ھۇجۇم قىلىپ نەتىجە قازىنالمىدى. 1206 - يىلى قەستلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. غۇرىيە سۇلالىسى خارەزملىكلەر تەرىپىدىن يوقىتىلدى.