Uyghur主要词典
غۇلىجى تۈگەپ غېرىچى قاپتۇ
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، قىلۋاتقان ئىشنىڭ ياكى ۋاقىتنىڭ كۆپ قىسىمى تۈگەپ، ئازلا بىر قىسمى قالغانلىقىنى، ئۆمۈرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ: - ھەي قېرى، كونىلار «غولىچى تۈگەپ غېرىچى قاپتۇ» دېگەندەك، ئۆمرۈڭنىڭ غولىچى تۈگەپ، غېرىچى قالدى، بەرىبىر بۇ كۆچەتنىڭ مېۋىسىنى يېيەلمەيسەن، ئاۋارە بولۇپ، جېنىڭنى قىينىغۇچە ئارام ئالساڭ بولماسمىدى، - دېدى ئۇ.