Uyghur主要词典
غۇلاچ
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا كەڭ ئومۇملاشقان ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى. ئاساسەن ماتا - بۆز ئۆلچەشتە قوللىنىلىدۇ. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا قەدىمكى بىر غۇلاچ 1.66 مېترغا تەڭ بولىدىكەن. <تۈركى تىللار دىۋانى> دا: <kulaq - غۇلاچ. بۇنىڭ ئەسلىسى kulaq - قولنى ئاچ دېگەن بولىدۇ. kulaq barqin - بىر غۇلاچ تاۋار> (مەھمۇت قەشقەرى: <تۈركىي تىللار دىۋانى>. Ⅰ توم، 465 - بەت) دەپ ئىزاھلانغان. بۇنىڭدىن <غۇلاچ> دېگەن ئۆلچەم نامىنىڭ <قولنى ئاچ> دېگەن سۆزدىن كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ قاراخانىيلار دەۋرىدىلا قوللىنىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن سىرت يەنە تۇرپاندا كارىزنىڭ تەشمە ئارىلىقى، تۈڭلۈك چوڭقۇرلۇقى ئاساسەن غۇلاچ بىلەن ئۆلچىنىدۇ. بۇنىڭدا بوي تۇرقى نورمال ئادەمنىڭ غۇلىچى ئۆلچەم قىلىنغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى.ئىككى قولنى ئىككى يانغا تۈز قىلىپ كەرگەندە بىر قولنىڭ ئۇچىدىن يەنە بىر قولنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىق.
غۇلىچىمنى كېرىپ كۈچ بىلەن يۈزىگە ئۇرۇۋەتتىم. ئۇ ئارقىچە سەنتۈرۈلۈپ بېرىپ ئوڭدا يىقىلدى.
مىق. ساناق سانلار بىلەن بىللە كېلىپ غۇلاچقا تەڭ ئارىلىقنى بىلدۈرىدۇ.
بىر غۇلاچ ئارغامچا.