Uyghur主要词典
غۇچچىدە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋ. زىچ ھالدا.
پارنىكتا ئۆستۈرۈپ، قوغۇنلۇققا يانداپ كۆچۈرۈلگەن شوخلا، لازىلارمۇ تېزلا ئاينىپ، غۇچچىدە چېچەكلىدى.
سۈپ. كۆچمە. جىقلا، نۇرغۇن.
- ئەكبەر ياخشى مەرگەن ئىكەن، بىزگە يەنە بەش - ئالتە كۈن ئوۋلاپ بەرسە، قاۋاندىن 10 - 20 نى ئېتىۋالساق ... غۇچچىدە پۇل بولاتتى.
سۈپ. ھەممىسى، پۈتۈنلەي.
چارۋىچى ماركونىڭ كۈلۈۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: - بۇ قوينى كۆرۈنۈشى سەت ئىكەن دەپ قالما، ئۇنىڭ گۆشى سېمىز ۋە يۇمشاق، بەكمۇ تاتلىق، بولۇپمۇ قۇيرۇقىنى قازانغا سالغاندا، غۇچچىدە ماي چىقىدۇ، - دېدى.