Uyghur主要词典
غۇبار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
چاڭ، توزان، غۇبار:
خىيرەلىك، خاپىلىق:
تىنچسىزلىق، غوۋغا:
ئىرۇر ئېردى ئەسا ئەقدادىن گام،
ياغىغە غۇبارى يول ئىدىم دام.
ناقىس.
2. يارۇتتى دىلىمنى چىنان سۇبھۋار،
كېتىپ ساف بولدى ئىچىمدىن غۇبار.
ئا. نىزارى.
ياش ئىدىم، يۈزلۈك ئىدىم، دوستلارغە ئېردىم ئېئتىبار،
ئارامىزدا يوق ئىدى بىر زەررەئى گەردى غۇبار.
موللا سالېھ.
3. جەھان ئىشلارىغە بولۇپ مۇشتەغىل،
غۇبارى ھەۋەسنى قىلىپ مۇكەھىل.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
چاڭ - توزاڭ، تۇتۇق، خىرە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇششاق، كۈكۈن ھالەتتىكى توپا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر.
ياخشى ئاتتىن چاڭ چىقماس. ئالماسنىڭ جۇلاسىنى توزان توسالماس. شامال چىقمىسا توزۇندى چىقماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزت چاڭ،توزان.
ماڭا سۇلتان بولۇپ يات ئەلدە يۈرمەكتىنمۇ مىڭ ئەلا، سېنىڭ باغرىڭدا بىر ئۇلتاڭ بولۇپ سۆيمەك غۇبارىڭنى.
كۆچمە. بىرەر كۆڭۈلسىز ھادىسىلەرنىڭ قالدۇق تەسىرى، داغ.
ئاڭلىسام نەغمەڭنى مەن، قالماس دىلىمدا غەش - غۇبار، سايرىساڭ سەن نەدە، شۇ يەر مىسلى ئۇچماق بۇلبۇلۇم.