Uyghur主要词典
غېرىچ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بارماقلارنى ئېچىپ ئۆلچىگەندە، باش بارماق بىلەن چىمچىلاق ئارىلىقى؛ باش بارماق بىلەن بېگىز بارماق ئارىلىقى.
ئۆزى بىر غېرىچ، ساقىلى ئۈچ غېرىچ. غۇلاچقا چىداپ، غېرىچقا چىدىماپتۇ. بىر سۈيەمنى دەپ، ئون گەزدىن قۇرۇق قالما.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى. گەرچە ئۇ رەسمىي ئۆلچەم سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن خەلق ئارىسىدا ئىنتايىن كەڭ ئومۇملىشىپ، بۈگۈنگە قەدەر ئىشلىتىپ كەلمەكتە.
شىنجاڭدىن تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى ھۆججەتلەردە: <... 12 مول (پۇل بىرلىكى) غا يارايدىغان 13 غېرىچ ئۇزۇنلۇقتىكى بىر پارچە گىلەم ...> دېگەن ئىبارە بار. مەھمۇت قەشقەرى قاراخانىيلار دەۋرىدە نەرسىلەرنى غېرىچلاپ ئۆلچەشنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى تىلغا ئالغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان <تىڭيۈەن غەربىي زېمىن ھەققىدە خاتىرىلەر> دېگەن كىتابتا: ئۇيغۇرلار رەخت سېتىۋالغاندا <ئۇزۇنلۇقىنى غېرىچلاپ تەخمىنەن ھېسابلايدىكەن> دەپ يېزىلغان.
ھازىر بىر غېرىچ 25 - 20 سانتىمېتر ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. قولنى كەرگەندە باش بارماقنىڭ ئۇچىدىن چىمچىلاق قولنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىق.
مېنىڭ غېرىچىم كىچىك، سەن غېرىچلا.
مىق.ساناق سانلار بىلەن بىرىكىپ كېلىپ غېرىچقا تەڭ ئارىلىقنى بىلدۈرىدۇ.
بەش غېرىچ ئارىلىق.