Uyghur←Chinese主要词典
غوزا مېۋە
بىئولوگىيە
蒴果
shuòguǒ
يېرىلىدىغان مېۋىنىڭ بىرخىلى. ئۇ ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق ئانىلىق ياپراقچىسىدىن تۈزۈلگەن مۇرەككەپ ئۇرۇقداننىڭ يېتىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. كۆپ خانىلىق ياكى بىر خانىلىق بولۇپ، تۆرەلمە تەختى ئوتتۇرا ئوقتا ياكى يان پەردىدە بولىدۇ. پىشقاندا كۆپ خىل ئۇسۇلدا يېرىلىدۇ. كۆپ ھاللاردا ئۇزۇنىسىغا يەنى مېۋىنىڭ كۆندىلەڭ ئوقى يۆنىلىشى بويىچە (دۈمبە تىكىچ سىزىقى ياكى قورساق تىكىچ سىزىقى) يېرىلىدۇ. مەسىلەن، كېۋەز، قىچا، ساپىيۇم دەرىخى، گۈلسامساق، ھەشقىپىچەك، توغرىسىغا يېرىلىدىغان (مەسىلەن، سېمىز ئوت)، تۆشۈك ئېچىلىپ يېرىلىدىغان (مەسىلەن، ئەپيۇنگۈل) ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. غوزا مېۋە يېرىلىدىغان مېۋىلەر ئىچىدە ئەڭ ئومۇملاشقان تىپ.
ئۇنىۋېرسال
蒴果
shuò guǒ