Uyghur主要词典
غورا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئى. ئۆرۈكنىڭ پىشىپ يېتىلمىگەن مېۋىسى.
غورا يېمەك، ئۆرۈك غورىسى.
ئى. ئاساسەن پىشىپ يېتىلمىگەن مېۋە، توڭ.
سەۋر قىلساڭ، غورىدىن ھالۋا پىشار(ماقال).
سۈپ. كۆچمە. تۇرمۇش تەجرىبىسى كەم، بېشىدىن ئىسسىق - سوغۇق ئۆتكۈزمىگەن، ھېچ ئىش كۆرمىگەن؛ كىچىك.
- ھوي، شۇ غورىلارنىڭ گېپىگە كىرىپ يۈردۈڭمۇ، - دېدى بوۋاي غەزەپ بىلەن.