Uyghur主要词典
غوللۇق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
غولى بار، غول تارتقان.
غوللۇق ئۆسۈملۈك.
پىرامىدىنىڭ ئۈستىدە خۇددى زىننەت تاجىسىدەك كۆركەم قىزىل غوللۇق چۆل گۈللىرى كۆز چاقنىتىپ جۇلالىناتتى.
گەۋدىلىك، بەستىلىك، گروي، يوغان.
غوللۇق ئادەم.
مەنسۇر 45 ياشلاردىكى غوللۇق، ئوتتۇرا بوي، قويۇق قارا بۇرۇتلۇق، ساغلام ئادەم ئىدى.
ئاساسلىق، مۇھىم.
زۇنۇن قادىر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى غوللۇق يازغۇچىلارنىڭ بىرى.