Uyghur主要词典
غىلاپ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىچاق، قېلىچ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى سىرتقى زەخمەتتىن ساقلاش ئۈچۈن، شۇنىڭ شەكلىگە باب ياسالغان قاپچۇق.
غىلاپ بەندىسى. خىش قېلىپىدا ياخشى، پىچاق غىلىپىدا. قىلىچ قىنىدا ياتسا گاللىشار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
قورال - ياراغ ۋە تىغلىق ئەسۋابلارنى سېلىش ئۈچۈن شۇ نەرسە شەكلىدە تىكىلگەن قاپ، قىن.
پىچاق ئىتتىك بولسا غىلىپىنى كېسەر(ماقال).
ياغاچ پىچاققا تۆمۈر غىلاپ (ماقال).