Uyghur主要词典
غېجەك
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تاپ يەيدىغان بىر خىل قۇش. غېجىر سالۋا.
ئېشەك ئۆلۈۋاتسا، كۆتىنى غېجەك تارتىپتۇ (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
چالغۇ ئەسۋابى. ئىككى تارلىق، كامانچە بىلەن چېلىنىدۇ.
غېجەكچى. * غېجەك چالماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
مۇزىكا
ئۇيغۇرلارنىڭ كامانچە بىلەن چالىدىغان بىر خىل ئەسۋابى. بېشى سىلىندىر شەكلىدە بولۇپ، بىر تەرىپىگە تېرە كېرىلىدۇ. باش قىسمى كۆپرەك يۇپقا تۆمۈر ياكى سەل قەلەيدىن ياسىلىدۇ. سۈركەپ چېلىنىدىغان ئادەتتىكى سىم تاردىن باشقا بىر قانچە رېزونانس پەيدا قىلىدىغان سىملار تارتىلىدۇ. 50 - يىللاردىن كېيىن ئۆزگەرتىپ ياسالغانلىرىنىڭ تۆت تارى بولىدۇ. بېشى يۇمىلاق بولۇپ تاۋۇزغا ئوخشاپ قالىدۇ. دەستىسى ئىسكىرىپكىنىڭ دەستىسىدىن ئۇزۇنراق بولۇپ، ئۇچىدا يۇمىلاق قۇببىسى بولىدۇ. G,d,a,e لاردا سازلىنىدۇ.