Uyghur主要词典
غەۋغا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
توپىلاڭ؛ شاۋقۇن، شاۋقۇن - سۈرەن؛ جاڭجال؛ تەشۋىش؛ غوۋغا:
خۇرسەنچىلىك، ئەيشۇ ئىشرەت؛ قىزىق قىزغىن بەزمە:
1. بۇ شۇرىش ئىلە سالاي ئالەم ئىچرە يۈز غەۋغا،
كى تىيرە ئاھ ئىلە كۆك كۆكسىنى يارا قىلايىن.
ئەرشى.
ئىشقلىغ دەئۋاسى قىلسە ھەر كىشى بۇدۈر جەزا،
قەتل ئېتىپ ئەيلەڭ تەماشانى ئۇلۇش غەۋغاسىغە.
موللا سالېھ.
2. كېچەلەر ئول بۇت لەبالەن مەي ئىچەر غەۋغا بىلە،
گەر ئىشتمەس نې ئەجىب دەرد ئەھلى يارەب - يارەبىن.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
شاۋقۇن، سۈرەن، شاۋشۇۋ، تاۋۇش، ۋاراڭ - چۇرۇڭ، قىيا - چىيا، ۋاقىراش، جاڭجال.