Uyghur主要词典
غەرەز
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: ئەغراز. مەقسەت، نىيەت، مۇددىئا:
يوشۇرۇن مەخىپىي دۈشمەنلىك.
1. غەرەز بۇ شەمئىنى ئۆيگە يارۇتسا،
بىرى - بىرسى بىلەن كۆڭلىن ئاۋۇتسا.
خىرقەتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېرىشىش، ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتقان نەرسە.
<غەرەز> سەلبىي مەنىدە.
مەقسەتكە يېتىشنىڭ ئاچقۇچى - سەۋرچانلىق. ئالدىرىغان مۇرادىغا يەتمەس. قىلمىسا داۋاملىق ھەقىقىي ھەرىكەت، ئاشمايدۇ ئەمەلگە ھېچ مۇراد - مەقسەت. كۆڭۈل تىلىگەن مۇرادىغا يەتسە كىشى، يار بارچە مۇرادىدىن كەچسە كىشى، بۇ ئىككىسى مۇيەسسەر بولمىسا مۇندا، باشنى ئېلىپ، ھايقىرىبان كەتسە كىشى. موللىنىڭ مۇددىئاسى بىسمىللاسىدىن مەلۇم. جاۋابىدىن مەلۇم بولىدۇ دانا، ئاڭا ئاچار جامال، ئارزۇ مۇددىئا. غەرەزدىن غەرەز تۇغۇلار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىر كىمگە قارشى يامان نىيەت، مەقسەت (سۆز ھەرىكەت ھەققىدە).
ھىم، سېنىڭ غەرزىڭ ماڭا ئايان.
داۋلى، مەقسەت، گەپ.
سەنلەرگە ھال ئېيتشقۇ ئۆلۈكتىن ئىمان سورىغاندەكلا بىر ئىش، ئىنسان بولغاندىن كېيىن غەرەز ئۇقار دەپتىمەن.