Uyghur←Chinese主要词典
غەربىي ياۋرۇپا ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
西欧联盟
xī ōu lián méng
1955 - يىلى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى قۇرۇلغان. 1954 - يىل 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئىمزالانغان <پارىژ كېلىشىمى>گە ئاساسەن، بريۇسسېل شەرتنامە تەشكىلاتىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن. ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە فېدراتىپ جۇمھۇرىيىتى، گوللاندىيە، بېلگىيە، ليۇكسمبۇرگ ۋە ئىتالىيە ئەزا بولغان. ۋەزىپىسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى، قوراللىق قىسىملىرى ۋە ھەربىي قورال - ياراق ئىشلەپچىقرىشنى ماسلاشتۇرۇش ھەمدە سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە قانۇن جەھەتلەردە ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت. مىنىستىرلار ھەيئەت يىغىنى، پارلامېنتى ۋە كاتىبات باشقارمىسى قاتارلىق ئورگانلىرى تەسىس قىلىنغان. باش ئورگىنى لوندوندا.