Uyghur←Chinese主要词典
غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى
领域: دۇنيادىكى شەھەرلەر西印度群岛
xī yìn dù qún dǎo
شىمالىي ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا ئارىلىقىغا جايلاشقان مېكسىكا قولتۇقى ۋە كارىپ دېڭىزى ئارىلىقىدا، غەربتىن شەرققە يېرىم چەمبەر شەكلىدە سوزۇلغان، 2000 دىن ئوشۇق چوڭ - كىچىك ئاراللار گۇرۇپپىسى بار. بۇ ئاراللار غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئاراللارنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 3500 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، يەر مەيدانى 236 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تۆت چوڭ ئاراللار گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنىدۇ. بۇ تۆت چوڭ ئاراللار گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي ئاھالىسى 26 مىليون 379 مىڭدىن ئاشىدۇ (1983). بۇنىڭ 5/2 قىسمىنى نېگىرلار، 5/2 قىسمىنى ئاق تەنلىكلەر، قالغىنىنى ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر بىلەن باشقا مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئاراللار گۇرۇپپىسى ئىچىدىكى فاتلىن (سان - سالۋادور) ئارىلىغا 1492 - يىلى كولۇمبو كەلگەن، كېيىنكى قېتىملىق سەپەرلىرىدە كۇبا، گايتى قاتارلىق ئاراللار بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا قىرغاقلىرىغا كەلگەن، كولۇمبو گايتى ئارىلىنى ياپونىيە، كۇبانى جۇڭگو، جەنۇبىي ئامېرىكا قىرغاقلىرىنى ھىندىستان دەپ خاتا تونۇپ، بۇ جايدىكى ئاراللاردا ئولتۇراقلاشقان خەلقلەرنى ھىندىستانلىقلار دەپ پەرەز قىلغان، كېيىنكى قېتىملىق تەكشۈرۈشلەردە كولۇمبو بارغان جاي ھىندىستان ئەمەسلىكى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، بۇ ئاراللارنىڭ جايلاشقان ئورنىغا قاراپ غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى دەپ نام بېرىلگەن.
领域: ئۇنىۋېرسال西印度群岛
xī yìn dù qún dǎo
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。