Uyghur主要词典
غەنىيمەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇرۇشتا دۈشمەننى يېڭىپ قولغا چۈشۈرۈلگەن نەرسە.
<ئالماق> بىلەن پېئىللىشىدۇ.
ئولجا ئېلىنغان نەرسىلەر ئومۇمغا تاپشۇرۇلۇشى كېرەك. ماناستا بولغان جەڭدە دۈشمەنلەر قاتتىق يېڭىلدى، تىرىپىرەن بولۇپ قاچتى. 105 مىلتىق، 20 پىلىموت، تۆت ماشىنا ۋە باشقا نۇرغۇن ئوزۇق - تۈلۈك غەنىيمەت ئالدۇق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆچمە مەنىدە: نەتىجە، ئۈنۈم، پۇرسەت.
ئولجىغا قالغان جان. خەجلەنمىگەن پۇل ئولجا. ۋاقىت غەنىيمەت. دەم غەنىيمەت، دىدار غەنىيمەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ھەربىي
ئى. ئۇرۇش ياكى ئوۋلاردا قولىغا چۈشكەن ئولجا، قورال - ياراغ ياكى ھەر خىل ماددىي ئەشىيالار.
غەنىيمەت ئالماق.
سۈپ. تېزدىن ئۆتۈپ كېتىدىغان، قايتا تەكرارلانمايدىغان، قەدرىگە يېتىش لازىم بولغان (ئادەم ياكى نەرسىلەر ھەققىدە)؛ ئەڭ قولاي، ئەڭ مۇۋاپىق (پەيىت، ۋاقىت ۋە پۇرسەتلەر ھەققىدە).
ۋاقىت غەنىيمەت.
گالدىن ئۆتكەن غەنىيمەت(ماقال).
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
جەڭ ئولجىسى