Uyghur主要词典
غەمسىز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھېچبىر غەم - ئەندىشە قىلمايدىغان.
بىغەمنىڭ ئۇيقۇسى تاتلىق. پەمسىزنىڭ پاراسىتى يوق، غەمسىزنىڭ پاراغىتى. بىپەرۋا پات سەمرىيدۇ، ئاسان تۈگىشىدۇ. پەرۋاسىزغا پەرۋا قىلما. قىز تارتىنچاق كېلىدۇ، يىگىت غەم يېمەس. پەرۋايى پەلەككە پەگا بىلەن تۆرنىڭ پەرقى يوق. ئۇ _ ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ تېگىدە يېتىپ مانتا يەيدىغان ئادەم.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
غەم يېمەيدىغان، غەم قىلمايدىغان، غەم - قايغۇسى يوق.
غەمكىن، غەمناق
غەم قىلىپلا يۈرىدىغان، غەم - قايغۇغا پاتقان، غەم باسقان.
ئادەم بەك غەمكىن بولسا، ھايات لەززىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. غەمسىزنىڭ پەرۋايى پەلەك. غەمسىز كىشى بولماس، ئەركەكسىز چىشى. غەمناك ئادەم تۇرمۇشتىن بىزار بولىدۇ، تەركىدۇنيا بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
غېمى يوق، بىغەم.
غەمسىز ئادەم.
ھەممە ئاغزىنى تەمشىپ ياتقان غەمسىز بوۋاققا قاراپ ئۇلۇغ كىچىك تىندى - دە، يۈز - كۆزىدىكى ياشنى سۈرتتى.