Uyghur主要词典
غەمناك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە، پارىسچە
غەمكىن، غەملىك، قايغۇلۇق، غەم چەككۈچى، ئاشىق:
بۇ غەم بىرلە ئىدىم مەن زار غەمناك،
بۇ ھەسرەت ناخۇنى كۆكسۈم قىلىپ چاك.
خىرقەتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە، پارىسچە
غەملىك، خاپىلىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
غەم - ئەندىشىگە پاتقان، مەيۈسلەنگەن.
ئادەم بەك غەمكىن بولۇپ كەتسە، ھايات لەززىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. مىسكىن - بىچارە، يوق ئامال - چارە. غەمناك ياشاشتىن بىزار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
يېزت. روھىي جەھەتتىن چۈشكۈن، غەمكىن؛ خاپا.
مەن ئىشقى چۆلىدە غەمناك بولۇپ يۈرگەن بىر يىگىتنىڭ ئىشىنى ئاسان قىلىش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلاندىم.