Uyghur主要词典
غەلىتە ئۇرۇش
دۇنيا تارىخى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلىپىدىكى 1939 - يىل 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 1940 - يىل 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە فرانسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ فاشىست گېرمانىيىگە قارشى ئۇرۇش باسقۇچىنىڭ ھۆججەتلەردىكى ئاتىلىشى. گېرمانىيە پولشاغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن پولشاغا ئەمەلىي ھەربىي ياردەم بەرمىگەن. 1939 - يىلى 5 - ئايدىكى <فرانسىيە پولشا كېلىشىمى>دا ناۋادا پولشا گېرمانىيىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا، فرانسىيە ھاۋا ئارمىيىسى دەرھال ھەرىكەت قوللىنىدۇ، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىنكى16 كۈن ئىچىدە ھايال قالماي ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. لېكىن فرانسىيە - گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ھاۋا ئارمىيىسى دۈشمەن تەرەپكە تەشۋىقات ۋەرەقىسىلا تاشلىغان. قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى زىگفرىد مۇداپىئە سېپىنىڭ ئالدىنقى لىنىيىسىگە يېتىپ بېرىپلا توختاپ قالغان ھەمدە سائاربريۇكېن قاتارلىق رايونلاردا گېرمانىيە ئارمىيىسى بىلەن بىرنەچچە قېتىم تۇتۇشقان. 10 -ئاينىڭ 1 - كۈنى گېرمانىيە ئارمىيىسى شەرقىي سەپتىن ياردەمچى قوشۇن يۆتكەپ كەلگەن ھەمدە 16 - كۈنى قايتۇرما زەربىگە ئۆتكەن، فرانسىيە ئارمىيىسى ئەسلىدە يولغا چىققان جايىغا چىكىنگەن. خېلىلا ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە، ئەنگلىيە - فرانسىيە ئارمىيىسى بىلەن گېرمانىيە ئارمىيىسى ئۆز ئاكوپلىرىدا جىم ئولتۇرۇپ بىر بىرىنى كۆزەتكەن، جەڭ قىلمىغان، ئۇرۇش تارىخىدا كەم ئۇچرايدىغان ئۇرۇش ئېلان قىلىپ ئۇرۇش قىلماسلىقتەك غەلىتە ھادىسە يۈز بەرگەن، شۇڭا ئۇ <غەلىتە ئۇرۇش> ياكى <جىم ئولتۇرۇش ئۇرۇشى> دەپ ئاتالغان. ئەنگلىيە بىلەن فرانسىينىڭ گېرمانىيىگە <ئۇرۇش ئېلان قىلىپ ئۇرۇش قىلماسلىق>ى ئەنگلىيە - فرانسىيە ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ گېرمانىيە بىلەن سۈلھ قىلىشقا داۋاملىق ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مادارچىلىق سىياسىتىنى ئۇزۇن ۋاقىت يولغا قويغان ئەنگلىيە، فرانسىينىڭ ھەربىي ھازىرلىقى ئاجىز بولغاچقا، مەۋجۇت ھالەتكە قايتۇرما زەربە بېرىشكە مادارى يەتمىگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.