Uyghur主要词典
غەيرىي سۇرژېتلىق ئېلېمېنت
领域: ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرىئېپىك ئەسەرلەردىكى پېرسوناژ خاراكتېرى تۇرمۇش ۋەقەلىكلىرى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنشلىق مۇناسىۋەت پەيدا قىلمايدىغان ئېلېمېنت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇ كىرىش سۆز، ياندىما سۆز، قىستۇرما سۆز، خاتىمە، ئاپتۇر نۇتقى ۋە ئاپتور مۇھاكىمىلىرىدە كۆپرەك ئۇچرايدۇ.
غەيرىي سۇزېتلىق ئېلېمېنتلار گەرچە ۋەقەلىك سۇژېتىنىڭ بىۋاسىتە تەركىبىدە بولمىسمۇ، پۈتكۈل ئەسەر قۇرۇلمىسىدا يەنىلا بىر ئورگانىك تەركىب بولىدۇ. ئۇ پېرسوناژلار خاراكتېرىنى سۈرەتلەشتە، مەركىزىي ئىدىيىنى ئىپادىلەشتە ياردەمچىلىك رول ئويناپ، ئەمەلىيەتتە سۇژېتنى تولۇقلايدىغان ۋاسىتىچى بولىدۇ.
غەيرىي سۇژېتلىق ئېلېمېنتلار ئاساسىي سۇژېت بىلەن بىرلىكتە ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مۇكەممەل كومپوزىتىسىيىسىنى تەشكىللەيدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。