غازيېمەس[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]غاز+يېمەس[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى ئىنچىكە ۋە ئاجىز، يوپۇرماقلىرى كىچىك ۋە تەتۈر تۇخۇمسىمان بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ ۋە شارسىمان بولۇپ، باشسىمان گۈل رېتىدە كېلىدۇ، كۈزدە ئېچىلىدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى دورا قىلىنىدۇ، دېمىغى پۈتۈش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش، كۆزى چاپاقلىشىش قاتارلىقلارنى داۋالاشتا شىپالىق رولى بار.