Uyghur主要词典
غارىقۇن
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە<گرېكچە
بوتانىكا
دەرەخ مەرىزىنىڭ بىر تۈرى، يەنى پارازىت ياشايدىغان بىر خىل زەمبۇرۇغ. كۆپىنچە يوپۇرماق تاشلايدىغان غولىدا بولىدۇ، سىرتى قاتتىق ۋە سىلىق، رەڭگى ئاقۇچ كۈل رەڭ ياكى سۇس سارغۇچ قوڭۇر، شەكلى تاقىسىمان كېلىدۇ. تېبابەتچىلىكتە دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، ئۆپكىنى ئىسسىتىپ بەلغەمنى بوشىتىش، يەلنى ھەيدەش، ئىششىقنى ياندۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش ۋە يىلاننىڭ زەھىرىنى قايتۇرۇش خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە.